بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ - شاھتۈرك

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ

ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك

ھەسرىتىڭنى بىلەتتى كىملەر،
سەۋر قىلغىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئۇزۇن ئەمەس ھاياتمۇ ئەسلى،
ھەممە بىركۈن ئۆلۈپ كېتىدۇ.

ئىزلىرىنى ئىزلاپ باقىسەن،
 يۈرىكىڭنى تىلغاپ باقىسەن.
جانلىرىڭنى قىيناپ باقىسەن،
بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ۋاپا يوقتۇر مېھىرلەر يالغان،
سەن يامان چۈش ئۇنتۇلۇپ قالغان،
قايسى گەپنى ئىلىككە ئالغان،
بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

سۆيسەڭمۇ گەر ئۇنى بىر بىلىپ،
 چىن دىلىدىن قويماس سېغىنىپ،
قالمايسەن ھېچ ئەسكە ئېلىنىپ،
بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

كۆيدۈڭ دېمەك بولىسەن ياۋاش،
ئازابلارغا بېرىسەن بەرداش،
ھىجرانلاردا ئىشىڭ كۈن ساناش،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ئاچچىقلايدۇ خالىسا ساڭا،
بېشىڭ تۆۋەن تۇرىسەن ئاڭا،
ئىزا لەنەت  بىر ساڭا قالار،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

خۇشى كەلسە كۈلۈپ باقىدۇ،
ئاچچىقلىنىپ تىللاپ باقىدۇ،
خۇيى تۇتۇپ قىيداپ باقىدۇ،
بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

سەۋر قىلغىن بۇ كۈنلەر ئۇزاق،
ھاياتىڭدا قەدەمدە تۇساق،
ئۆلۈپ كەتمەي تۇرساڭلا ساپساق،
بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

2016.06.25يۇرتى قاراقاش




     





33 قېتىم كۆرۈلدى xahturk666 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-25 19:21:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ