سەرسان ئاشىق - ئابدۇسەمى (خۇشتارى)

سەرسان ئاشىق 

بارغاندا سۈگەتلىك مەھەللڭگە مەن 
چىقاتتىڭ ئالدىمغا ئالدىراپ مېڭىپ 
كۆرگەندە ھاياجان ئىلكىدە مېنى 
ئاتاتتىڭ قوينۇمغا باغرىڭنى تېڭىپ 

تۇراتتۇق ئۇزاقتىن -ئۇزاق مۇڭدۇشۇپ 
كەتكەچكە يۈرەككە مۇھاببەت سىڭىپ 
بەزىدە ئوينايتۇق تېخى قوغلۇشۇپ 
شۇ چاغدا كەتكەنتى رىشتمىز چىڭىپ 

كىرگەندە شۇراڭدىن بېغىڭغا ئاتلاپ 
چىتلىرىڭ كۆينەكنى قالاتتى ئېلىپ
جىگدىنىڭ شۇخىسى زەھەرلىك تاتلاپ 
قويغانتى تىنىمگە جاراھەت سېلىپ 

بېغىڭدا ئولتۇرۇپ ساقلسام سېنى 
يۈرۈكۈم كىتەتتى قورقۇشتىن ئېقىپ 
كۆرگەندە كاج داداڭ قوغلايتى مېنى 
بىر قېتىم قويمايتى مەيلمگە بېقىپ 

ئەلچىلەر ئەۋەتسەم رايىڭغا باقماي 
كايىيتى خان ئاناڭ داستىخان سېلىپ 
قوغلايتى ئۇلارنى قىلىپ سۈر تۇقاي
قاچاتتى ئەلچىلەر كالىچى قېلىپ


ئابدۇسەمى (خۇشتارى)
2219161191 
26- ئىيۇل. پەيزاۋات-غولتوغراق.




37 قېتىم كۆرۈلدى samijan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-23 13:59:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ