يېغلاتمىغىن ئاناڭنى ئەسلا
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
ياشلاپ كەتسەڭ كەتكىن كۆزۈمنى ،
لەختە قىلساڭ مەيلى كۈڭلۈمنى .
ئېيتاي ساڭا يۈرەك سۆزۈمنى ،
يېغلاتمىغىن ئاناڭنى ئەسلا !

ئاناڭ سېنىڭ ئالتۇندەك تەختىڭ ،
ئاناڭ سېنىڭ بىباھا بەختىڭ .
ئاناڭ سېنىڭ نەۋباھار پەسلىڭ ،
يېغلاتمىغىن ئاناڭنى ئەسلا !

مەيلى پۇل تاپ چىكىگە يەتكىن ،
مەيلى ئۇقۇ ئالىم بوپ كەتكىن .
كەچمە ھەر چاغ ئاناڭ نەسلىدىن ،
يېغلاتمىغىن ئاناڭنى ئەسلا !

ئاناڭدىن ئال قىممەتلىك دۇئا ،
دۇئا بىلەن كىزىپ كەل دۇنيا.
ئاناڭ بەرگەن سۈتىنى ساڭا ،
يېغلاتمىغىن ئاناڭنى ئەسلا !

ئۆزىگە ، گۈللەر پولۇڭغا شىرىك ،
"پولۇڭ يوقتا ئاتىدۇ تىپىك "
پەقەت ئاناڭ دەرتىڭگە شىرىك ،
يېغلاتمىغىن ئاناڭنى ئەسلا !

ئانا ئېشقى جەننەتتىن مىسال ،
كەل ھەي يايرىم جەننەتكە زەن سال !
دۇزاخلارنى تەرك ئەت ئىبرەت ئال ،
يېغلاتمىغىن ئاناڭنى ئەسلا !

ئاناڭ كۈلسۇن ، كۈلگەندەك جاھان ،
ئاناڭنى سۆي ، سۆيۈنسۇن ئېنسان .
ئاناڭ ئۇلۇغ تۆرىڭدە مېھمان ،
يېغلاتمىغىن ئاناڭنى ئەسلا !

ئىمكان بولسا خۇشال قىل ئۇنى ،
تىرىكلىكتە بىلگىن قەدىرىنى .
ئاھ ئۇرىسەن شۇنداق بىر كۈنى،
يېغلاتمىغىن ئاناڭنى ئەسلا !
| 251 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-4-29 10:40:32 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |