​سىخىي دادا (مۇخەممەس ) - ئابلىمىتجان ۋاھاپ تەنھا تۇرنا

سىخىي دادا (مۇخەممەس ) 
ئابلىمىتجان ۋاھاپ  تەنھا تۇرنا

ئۆتكۈنچىدۇر ئالەم يوللىرى،بار ساڭىمۇ بەخىت يوللىرى،
ھايات قەۋمىنى قامداش ئۇچۇن قورۇق بولدى قوللىرى،
سەۋەبىدىن بالام دىگەن ئۆي دىگەن،ئەگىرى بولدى يوللىرى،
ياشمۇ باردى بىر يەرگە ،خىرەلەشتى كۆزلىرىنىڭ نۇرلىرى،
نەچچە تۇزسىزىق نەچچە ئەگىرىگە،تولدى ھايات قۇرلىرى،
قىلغىنى ھەركۇنى ئەمەس، بىركۇنى ھامان بىلىسەن.

ئۇلۇغ بولغاچ تاغدەك قەد كۆتۇرۇپ ھەرزامان،
دادىلىق مىھرىنى ھەم قەھرىنى يوقاتماس ھامان،
قىلىدۇ نەسھەت،  ئىبىرەت ئارا بۇنداق ئىش يامان ،
يەنە پەرزەنىتنىڭ قىلىغىنى ئۇچۇن بولىدىغۇ سامان،
قىلغىنى ھەركۇن ئەمەس بىركۇنى ھامان بىلىسەن.

ئۇ سىنىڭ داداڭ تۇرمايدۇ ئاندا ياشلىقتا،
قىلمىغىن داداڭغا ھاقاراەت، بۇنداق شاشلىقتا،
بار ئۇنىڭدا ساددا مىھىرى، يوق ھەتتا باشلىقتا،
ۋەياكى ئۆز كۆرگەنىڭ جانان قەلەم قاشلىقتا،
قىلغىنىنى ھەركۇنى ئەمەس،بىر كۇنى ھامان بىلىسە.

بولغاچقا سىخىيلىق قەلبىدە شۇنچە لىقمۇلىق،
ئۆي ئىشلىرى ئوڭ،كۇلەر باللار،ئۆي بولار شادلىق،
بالىسىز ئۆي مازاردۇر،بەردى،بولدى  ئالتە بالىلىق،
چوڭ قىلىدى مىھىرى بىلەن،بىربىرلەپ بولدى ياتلىق،
قىلغىنىنى ھەر كۇنى ئەمەس،بىركۇنى ھامان بىلىسە.

باسسىمۇ ياشانغاندا چوڭ بولغان شۇ بالىلار غىمى ،
ۋايسىماي قىلىدۇ ،بالام دەپلا سىقىلسىمۇ  شۇندا دىمى،
ئىشتىن ئۇزۇلمىگەچ قوللىرى،ئاسانلا كىرلىشىدۇ يىڭى،
يۇيۇپ بىرەي  كىيىمىنى دىگىنىمدە دادا سەن قىنى،
قىلغىنىنى ھەركۇنى ئەمەس،ھامان بىركۇنى بىلىسە…

2016-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كەچ
     





54 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-8 2:56:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ