مۇھەببەتكەئاسىيلىق قىلما(ئوتقاش)

مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلما

 

 ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش

 

 يۈرىكىمنى تۇتسام ئامرىقىم،

 ئۈستىگە دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىشنى ئويلىما.

 بىر تەشتەك گۈل بەرسەم قولۇڭغا،

 بەرگىنى غازان قىلىشقا ئەسلا ئورۇنما.

 

 مېنى سۆيمىسەڭ،

 سۆيىمەن دېمە مەجبۇرەن.

 مېنى ئالداپ،

 ئۆزۈڭنى قىيناپ،

بىغۇبار يۈرەكلەرنى خاراب قىلما.

 

 يېنىمدا ئولتۇرۇپ،

 مەن بىلەن تەڭ كۆككە باققۇڭ كەلمىسە،

 مۈرەمگە يالغاندىن بېشىڭنى قويما.

 سۆيگۈ دېڭىزىغا غەرىق بۇلۇشتىن قورۇقساڭ،

 مۇھەببەت قۇلۋىقىدا قولۇمنى تۇتۇپ

 كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ

 دولقۇنلارغا پالاق ئۇرما،

 چالغان مۇزىكام يېقىمسىز ئاڭلانسا،

 ئېغىزىڭنىڭ ئۇچىدا ناخشا توۋلىما.

 

 ئۆز-ئۆزۈڭگە ئاسىيلىق قىلىپ،

 قەلىب ئىشكىڭگە مەھكەم تاقاق سېلىپ،

مېنى ئىچىگە كىرىشكە زورلىما.

ئاچما زىنھار رۇجەكلىرىڭنى،

 قەلبىڭگە يامغۇردەك تامچە بۇلۇپ چۈششىمنى خالىمىساڭ.

 ئۆچكەن ئوتنى ئۇلغايتماق بۇلۇپ،

 كۆيىمەن دەپ بولما ئاۋارە.

 ئۆچۈر ئوتنى كۆيدۈرمە زىنھار،

 شۇل كۆيۈككە تاپمىساڭ چارە.

باغلىماي قوي زەنجىر -كىشەندە،

سۇ ئىچمىگەن قاقشال كۆڭۈلنى.

 ئەقىدەمنى ئۇرمىغىن يەرگە،

چۇل - چۇل قىلىپ مۇشتەك يۈرەكنى.

 كۈلكەمگە كۈلۈپ،

 يىغامغا يىغلاپ،

 ئۆتەلمىسەڭ تاكى ئۆلگۈچە،

 توسمايلا قوي بەخىت يولۇمنى…

 

 2015-يىل 8-ئاي 18-كۈن (مارالبېشى)





420 قېتىم كۆرۈلدى otkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-19 0:07:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-20 14:25:55 ئەينەك
تەپەككۈرگە كۆز تەگمىسۇن يەنە بامۇ
2015-8-19 16:02:24 mahmutjan
koztagmisun sawakdixkmnig ilhamiga
2015-8-19 7:07:25 smatjan
yah xiyez lip tu msn yak tur dum
2015-8-19 1:54:07 باشقۇرغۇچى
بولىدۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ