چۈشۈمدىكى قىز - پاتىگۈل مۇھەممەد ياشنا

چۈشۈمدىكى قىز

 

پاتىگۈل مۇھەممەد ياشنا

 

چوغ قوينىدا ئ‍ۇھسىنار نەپرەت،

 قورۇق باسقان كۆڭۈلگە قاراپ.

 تىنىقىمدا ياشىغىلى قوي،

نېمە قىلىسەن يېشىمنى سوراپ.

بەخىت بەرگەن ۋەدىنى ئ‍ۇنتۇپ،

 قاي ئ‍ۆيلەرنىڭ ئ‍ىشكىنى چەكتى؟

يانچە مېڭىپ كىرگەن خىياللار،

 ئ‍ۇتىۋالدى جانان كۆڭلىنى.

 پۇتلاپ قايغۇ كۈلكە ھىدىنى،

باھار كەلدى ،دەرەخ يالىڭاچ.

 سايراپ تىلىڭ كەتسىمۇ قاناپ،

سەندىن كۆڭلۈم قالدى قارلىغاچ.

ماغدۇر بەرگەن ھاسامنى كۆرۈپ،

 ياشلىق مەندىن شۇنچە تاندى تېز.

 تىقىپ قويغان سەۋىرنى كولاپ،

 قېچىپ كەتتى چۈشۈمدىكى قىز.





84 قېتىم كۆرۈلدى yaxna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-4 16:01:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ