دادام - فاتىمە

دادام - فاتىمە

 

​تۆكۇلگەندە كۆزلىرىمدىن ياش،

يىغلىما دەپ بەزلەيتى دادام.

غەم قايغۇغا چۆككەن چىغىمدا،

خۇشاللىق بىغىغا باشلايتى دادام.

 

گاڭگىراپ قالغاندا ھايات يولىدا،

مەشئەل كەبى ياناتتى دادام.

يۇركۇم ئازاپتىن ئۆرتەنگەن چاغدا،

سەۋىرلىك بولۇشنى جىكلەيتتى دادام.

 

قالغاندا بورانلىق تۇنلەردە مەن،

مەن ئۈچۈن ئۆزنى قىلاتتى قالقان.

مۇساپىر بوپ يۇرگەندە چۆللەردە مەن،

مەن ئۈچۈن قىلاتتى چۆللەرنى بوستان.

 

دۇشمەنلەر مەن ئۈچۈن قۇرسا توزاق،

غەزەپ بىلەن يەڭلىرنى تۇرەتتى دادام.

يىقىلغاندا قوپ ئورنۇڭدىن قىزىم دەپ،

قوللىرىنى مەن ئۈچۈن سوزاتتى دادام.

 

فاتىمە «زەھرا»  2015.3





99 قېتىم كۆرۈلدى فاتىمە ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-20 23:43:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ