مىنى تەنھا قۇيۇڭلار ( نەسىر) - يۈسۈپجان سايرامى

 مىنى تەنھا قۇيۇڭلار

يۈسۈپجان سايرامى   ( زىنھار )


ھەي ،يۈرىكىمنىڭ تۇمۇر -تۇمۇرلىرىدا  ھەسرەت كۆلچەكلىرىنى ياساپ ،خۇشاللىقىمنى يىراق-يىراقلارغا قىيان قىلىپ ئەكىتىۋاتقان دەت-ئەلەملەر مېنى تەنھا قۇيۇڭلار.چېھرىمدىكى تەبەسسۇم جىلۋىسىنى قايتا تېپىۋالاي.مەنمۇ باشقىلاردەك قاقاھلاپ كۈلۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولاي. ئۈمۈدۋار بول قەلبىم......
ھەي ،مېنى يالغاندىن سېنى سۆيىمەن دەپ ئالدايدىغان يالغان سۆيگۈلەر ... مېنى تەنھا قويۇڭلار . مەن يالغان سۆيگۈگە زىنھار مۇھتاج ئەمەسمەن.تەنھالىقىم بولسا ماڭا ئەڭ زور تەسەللي.ئۇ ماڭا يۈكسەك مۇھەببەت ھېسلىرىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. ئۈمۈدۋار بول قەلبىم.....
ھەي ماڭا چاپلانغان بۆھتانلار ، مېنى تەنھا قالدۇرۇڭلار.مەن ئەسلىنىدىنلا ئاللاھنىڭ پاك ، ئاجىز بىر بەندىسى ئىدىم . پاكلىقىم مېنىڭ غۇرۇرۇم ئىدى.ئاجىزلىقىم مېنىڭ يىتەرسىزلىكىم بولسىمۇ ، سىلەر مېنىڭ بۇ ئاجىزلىقىمدىن پايدىلىنىپ ،ماڭا قارىنى ئاپئاق روھىيىتىمگە لاي كەبى چاپلىمىساڭلار بولاتتى. ئاق ھامان ئاق ، قارا ھامان قارا. ئۈمۈدۋار بول قەلبىم....
مەن ھامان بىر كۈنى ئاقلىنىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. چۈنكى مەن ئۈمىدۋار... بىر كۈنلەردە قارا مەندىن قورقۇپ  قاچىدۇ. يەنىلا ئۈمۈدۋار بول قەلبىم..
ھەي ، ھەسەتخورلار مېنى تەنھا قويۇڭلار. سىلەر نېمە دېگەن بىچارە -ھە! مېنىڭ خۇشاللىقىمنى ئۆزۈڭلارغا يۈك قىلىپ ، دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىڭلارغا ئېچىنمامسىلەر ؟! مېنىڭ سىلەرگە بەكلا ئىچىم ئاغىرىيدۇ. قوينىڭلارنى كەڭ تۇتۇپ كۆرەلمەس ئەماكۆزۈڭلارنى جاھانغا يۈگۈرتۈڭلار ... ئىسىڭلاردا بولسۇن ، ھەسەتخورلار ھېچقاچان ھۆرمەت ۋە ئىززەتكە مۇيەسسەر بولغان ئەمەس...
ھەي ، ئېغىزدىن -ئېغىزغا يالغاننى كۆچۈرۈپ، گۆشلىرىمنى يالماپ ، ئۇستىخانلىرىمنى ئاچكۆزلەرچە ئىتتەك  غاجىلاۋاتقان پىتنە -پاساتلار مېنى تەنھا قويۇڭلار . مەن ھامان سىلەرگە بىپەرۋالىق نەزىرىمنى تىكىپ ، ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋېرىمەن. سىلەرنىڭ ئاخىردا ئېرىشىدىغىنىڭلار قۇرۇق غەيۋەت ۋە گۇناھى كەبىر ، خالاس..، شۇنداق ئۈمۈدۋار بول قەلبىم...
ھەي ، مېنى شۆھرەتپەرەسلىك  تونىغا ئورۇنىشقا ، مال - دۇنياغا بېرىلىشكە قىستاۋاتقان ئاچكۆز نەپسىم مېنى تەنھا قوي. مەن ئۆزۈمنى تېپىۋالاي، ئاددىيلىقىمغا قايتىۋالاي .چۈنكى مەن ئەشۇ ئاددىيلىق ئىچىدىن روھىيىتىمنى چىن - ئىنسانىي خىسلەت بېزەكلىرى بىلەن بېزىيەلەيمەن. ئەشۇ ئاددىيلىق ئىچىدە ئارمانلىرىمغا يىتەلەيمەن .ئۈمۈدۋار بول قەلبىم....
ھەي ، نۇرسىز كۆزلىرىمدىن توختىماي سىزغىۋاتقان ياشلىرىم مېنى تەنھا قويۇڭلار . كۆزلىرىمدىكى نۇرانىلىقنى قايتۇرۋالاي. مېنى ئازاپقا قوشكېزەك قىلماڭلار... كۆزلىرىمدە ئەمدى ياش ئەمەس،ئەمدى  كۈلكە قېتىپ قالسۇن.
ھەي ،مېنىڭ تەنھالىقىم كەل ! لىۋىڭگە قېنىپ بىر سۆيەي.باغرىڭدىكى ئادىمىيلىك بۇلاقلىرىنى چاڭقاق روھىمغا زەم -زەم قىلاي.مەن ،گەرچە ، يىگانىلىك  ئالىمىدە سەرسان بولساممۇ ، مەڭگۈ غېرىپ ئەمەسمەن . بىلمەن قەلبىم سەن ئۈمۈدۋارسەن..... يەنىمۇ ئۈمۈدۋار بول....

2016-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى
     


     





638 قېتىم كۆرۈلدى zinhar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-20 11:48:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-6 3:49:11 زىنھار
ياقتۇرۇپ ئوقۇپ بەرگىنىڭلارغا رەخمەت
2016-12-27 13:52:12 گۈلزار
مېنى ئازاپقا قوشكېزەك قىلماڭلار دېگەن يەرنى مېنى ئازاپقا دۇچار قىلماڭلار دەپ ئالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن ! مېنى تەنھا قالدۇرۇڭلار دېگەن ماۋزۇنى بەك ياخشى كۆردۈم ! ئەسەرنىڭ مەزمۇنىمۇ شۇنداق تەسىرلىك چىقىپتۇ ! چىن ھېسيات ئىپادىلەنگەچكە كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىكەن ! داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ !
2016-11-23 0:38:07 زۆھرە
ياخشى يىزىلىپتۇ 👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ