بىر سەۋدايى
ئابابەكرى ئىزگۈ
تۈن نىسپىدە بىر سەۋدايى ئۇيقۇسز ،
دەرد ئەلىمى بەك كۆپ بولغاچ داۋاسز .
قانچە تۈننى ئۇلاپ ئۆتكەن تاڭلاردا
قەلبىدە بار جاراھەتلەر چۈشنۈكسز ،
جىمجىت كىچە جىمى كەتكەن ئۇيقىغا ،
نە سەۋەپتىن ئۇيقۇ كەلمەس ئۇنىڭغا ،
ئەلەم بىلەن غىچىرلايدۇ يۈرۈكى ،
توختىماستىن غەزەل يازار يارىغا ،
يارى ئۇنىڭ كەلمەس جايغا كەتكەنغۇ ؟
يالغۇزغىنا ھىجرانلارغا قويغانغۇ ؟
ئەمما ئۇنتۇش ئۇنىڭغا بەك ياتكەنغۇ ؟
سېغىشنىڭ ساداقىتى ساقكەنغۇ ؟
ئۆتتى مانا نەچچە يىللار ئۇ يالغۇز ،
سۈپۈرەتتى قەبرى بېشى بەكلا ئۇز،
سادىقلىقتا تەڭدىشى بىر سەۋدا ،
بولغاچ ئۇنىڭ كۆڭلى بەكلا بەكمۇ تۈز ،
بۈگۈن كىچە يەنە ئۆتەر ئۇيقۇسز ،
ئاشىقلىقتا تېنەپ يۈرەر مەشۇقسز ،
تالاي كىچە ھىجران بىلەن ساق يۈرگەن
ئەمما سۆيگۈ كۆيۈكىدۇر داۋاسز ،
ئۇ سۆيەتتى يارىنى جان قان بىلىپ ،
ھەتتا كېچىپ كەتكەن ئۇنى راس بىلىپ
ئاتا - ئانا دوس يارەنلەرننى يۈك بىلىپ ،
شۇڭا ۋىسال كەتتى ئۇنىڭدىن تېنىپ ،
ئاشىقلىق يۇلى ئۇ ئەڭ چوڭ ساراڭلىق ،
ساداقەت ۋاپامۇ ئەمەس خاتالىق ،
بىر ئۆمۈر ئۇنتۇما سىنى سۆيگەننى ،
بىرسىگە كۆڭۈل بەر قىلما نادانلىق ،
مىسكىن ئاي ئاسماندا تېخى يالتىرار،
غېرىلىق سەۋدانىڭ ئۇتى ئۇلغىيار ،
سېغىنىش سۆيگۈگە شىپالىق بىرىپ ،
مۇھاببەت رىشتىسى تېخىمۇ چىڭار ،
رازى ئۇ بىر ئۆمۈر يالغۇز ئۆتۈشكە ،
يارىنى ئۈنتۈنسز تەنھا كۈتۈشكە ،
ئۇنىڭچە مەيلىتى قەبرە يېنىدا ،
يانمۇ يان قارشىپ ئۆلۈپ كىتىشكە ،
كۆزىدىن قۇيۇلدى يامغۇردەك ياشلار ،
ھىجراندىن پىغانلار ئېتىلىپ چىقار ،
كىرپىكى نەملەشتى قىرو باسقاندەك ،
قاچانمۇ يۈرۈكى سەۋدادىن يۈتەر ،
2017- يىلى 16- فىۋرال ئۇدۇن
| 70 قېتىم كۆرۈلدى | uygur017 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-17 23:38:08 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|