مەڭگۈلۈك ساۋاقداش
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ئىلگىرى مەن بۇدۇنيانى مىھىر – مۇھەبەتكە باي دىسە ئىشەنمىگەنىدىم ، ھەمدە ئۆزۇمگە تەئەللۇق بولغان مېھىر بالقىغان بىۇلاق ئەزدەپ تاپماقچى بولغانىدىم ، ئەمدى شۇنى ھىس قىلدىمكى دۇنيا مەن ئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە مىھىر – مۇھەبەتكە باي ئىكەن، بۇ دۇنيادا نۇرغۇنلىغان كىشلەر دۇنيانىڭ مىھىر مۇھەبىتىدىن ئازراقمۇ ھۇزۇر ئالالماي كىتىپ قالدىكەن ، چۇنكى ئۇلاردا شۇ بار بولغان مىھىر مىھەبەتنى ھىس قىلغۇدەك قەلىپ يوق دە . بۇبىپايان مىھرى ئىللىق دۇنيادا ، مىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم مىنىڭ ئاتا – ئانام ئۇلار ماڭا مېھىر مۇھەبەتنىڭ نىمىلىكىنى ھىس قىلدۇرغان ، ماڭا تۇگۇمەس ئىلىم ئاتا قىلغان ئاشۇ مىھنەتكەش ئوقۇتقۇچۇم ، يەنە مىنى ئاتا- ئانامدىنمۇ بەكرەك چۇشۇنىدىغان ،ھايات مۇساپەمدە ئۇمۇت سىزلەنگىنىمدە ماڭا تەسەللى بەرگەن ، جاپا - مۇشەقەتلىرىمدە ماڭا ياردەم قىلىدىغان ئاشۇ خۇشپىئېل ، مېھرىبان ، قەلىپداش ساۋاقداشلىرىم تۇرسا گۇزەللىك ئىزدەپ قەيەرگە باراي.
ئاشۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە ئۆتكەن ھاياتىم ، مىنىڭ ئەڭ گۇزەل چاغلىرىم . ساۋاقدىشىم بىلەمسەن ، سەن مىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يىقىن ئادىمىم ، چۇنكى مەن ھىچكىمگە ئىتمىغان ھەم ئىتىشقا جۇرئەت قىلالمىغان ئىچكى سىرلىرىمنى ساڭا ئىتقان . ئىچىمدىكى ھەسرەتلىك دەرت–ئەلىمنى كۆزلىرىمدىكى دەريا كەبى ياشلىرىمغاقوشۇپ ساڭا تۆكۇپ بەرگىنىم ئىسىڭدىمۇ ؟ بىلەمسەن ساۋاقدىشىم ، بىز بىرگە ئوقۇش جەريانىدا ئاتا – ئانام ، قان – قىرىنداشلىرىم بىلەنمۇ سەن بىلەن تۇرغانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت بىرگەبولالمىغان ، گەرچە مەن ئۇلارنى ھەپتە ،ئايدا بىر قىتىم كۆرۇپ تۇرساممۇ بىراق ھەر قىتىم دەمئىلىشقا قويۇپ بەرگەن كۇنلەردە مەكتەپتە سەن بىلەن بىرگە ئۆتكۇزگەن شۇ مىنۇتلارنى . ھەر كۇنى مەكتەپكە كەلگندىكى ئىللىق تەبەسسۇملارنى ، قول ئىلىشىپ كۆرۇشۇشلەرنى قايسى بىر ساۋاقدىشىم ئىلىپ كەلەن يىپ – يىڭى يىمەكىلكلەرنى تالىشىپ يۇرۇپ يىيىشلىرىمىزنى ، كىملەرنىڭدۇر يۇمۇڭرلۇق سۆزلىرنى
ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۇلۇشلىرىمىزنى ئويلاپ يۇركىم ئۇنسىز تىپىرلايدۇ .
ساۋاقدىشىم ، بەلكىم سەن چىراينمدىن چىقۋاتقان ئىللىق تەبەسسۇملار ئارسىغا قايغۇ - ھەسرەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرگەنسەن ، شۇنداق ، مەن كۇلۇپ يۇرگىنىم بىلەن يۇرۇكۇمگە جۇدالىق پىغانلىرى تامچە – تامچىلاپ قان زەرداپلارنى تولدۇرماقتا.بۇ قان زەرداپلارنىڭ قايسى بىر ۋاقىتتايۇركىمنىڭ بىقىشلىرىغا ، تومۇر – تومۇرلىرغا تىشىدىغىنىنى ئىنىق دەپ بىرەلمەيمەن. ئىسىڭدىمۇ ، بىز يىڭىدىن تونۇشقان ۋاقتىمىزدا بىر بىرىمىزدىن ياتسىراپ ، ئەيمىنىپ دىگۇدەك ئۇلتۇرۇشقان ئىدۇق مانا شۇ ئەيمىنىش ، ياتسىراشلار بۇگۇنكى كۇنگە كەلگندە يۇركىمىزنى قان – زەرداپقا تولدۇردى .مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ مىھرى ئىللىق دۇنياغا بىزنىڭ گۇزەل ئەسلىمىمىز مۆھۇردەك ئىيۇلغان . قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن مەيدانلاردا گۆدەكلەرچە ئوينىقان ئويۇنلىرىمىز ، مىھرى ئىللىق سىنىپلاردا بەسلىشىپ دىگۇدەك ئىلغان ئۇگۇنىشلىرىمىز ، ھەر كۇنى كەشتە ھىرىپ – چارچىغىنىمىزغا قارىماي سىردىشىپ تاڭلارنى – تاڭلارغا ئۇلىغان مىھرى ئىللىق ياتاقلىرىمىز ................. بۇلاردىن ، بۇلار شاھىت بولغان گۇزەل ئەسلىمىلىرمىزدىن قانداقمۇ مىھرىمىزنى ئۇزەلەيمىز ؟؟؟
تەنتەربىيە دەرسىدە قىز – ئوغۇل دەپ ئايرىماي قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ قىزقارلىق ئويۇنلارنى ئوينىغانلىرىمىز ، شۇ ئارقىلىق سەبى كۇلكىمىزنى بۇ ئالەمگە ياڭراتقانلىرىمىزنى ئويلىسام بالىلىققا قايتقاندەك تۇيغۇدا بولىمەن . دوستۇم ، سىردىشىم ، ئىسىڭدىمۇ ؟ بىر قىتىم توپ ئويناۋىتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۇسكىنىمدە مىنى يۆلەپ تۇرغۇزغىنىڭ ، ئاغرىپ قالغىنىمدا مىنى مىڭ تەسلىكتە يۆلەشتۇرۇپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ چىقىپ بىشىمدا بىر كىچە كىرپىك قاقماي ماڭا ھەمرا بولغىنىڭ ، مەن ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي لەۋلىرىمنى چىڭ چىشلەپ قانتىۋەتكىنىمدە مىنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ ئۆكسۇپ - ئۆكسۇپ يىغلىغان ھالدا قولىڭنى ئىغىزىمغا چىشلىتىپ قويغىنىڭ ، مەكتەپتە ئوتكۇزۇلگەن چوڭ بىر قىتىملىق يىنىڭ ئاتلىتكا مۇسابىقىسىدە خۇدى مەن خەلىقئارالىق قاتنىشىدىغاندەك بىلىكىمدىن تۇتۇپ مىنى مۇسابىقە مەيدانىغا ئىلىپ كىرگىنىڭ ،مۇسابىقە باشلىنىپ تاكى ئاخۇرلاشقۇچە كەينىمدىن يۇگۇرۇپ ؛ - غەيرەت قىل ، ئازلا قالدىڭ ، قەيرەت قىل- دەپ مەدەت بەرگىنىڭ ، مۇسابىقىدە غەلبە قىلغاندا مىنى كۆتۇرۋىلىپ ئاسمانغا ئاتقىنىڭ ، ھىرىپ بوشۇشۇپ كەتكەن پۇت – قوللۇرۇمنى مىھىرلىڭ قوللۇرىڭ بىلەن ئۇلاپ قويدۇڭ ، شۇۋاقتىدا سىنىڭ پۇتىڭدىن تامچىلاپ قان ئىقۋاتقىننى كۆرۇپ؛
-دوختۇرخانىغا بارايلى- دىسەم كۇلۇپ تۇرۇپ
-يىچقىسى يوق بۇنچىلىك يارا ماڭا ھىچ گەپ ئەمەس- دەپلا كىتپ قالغىنىڭ ئىسىڭدىمۇ؟؟ بىلىمەن مەن سىنى كۆپ قىتىم رەنجىتىم بۇلارنى ئويلىسام مەن ئۆزۇمنى ئالدىڭدا بىر ئۆمۇر گۇناھكاردەپ قارايمەن . بولدى دوستۇم كونىلاردا ‹ بىر كۇنلىك ساۋاقداشنىڭ يۇز كۇنلىك مىھرى بولىدۇ › دىگەن ماقال بار ، سەن مەيلى قەيەردە بول نىمە ئىشلارنى قىل سەن مىنىڭ ساۋاقدىشىم مەڭگۇ ، مەڭگۇ مىنىڭ ساۋاقدىشىم .
| 206 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-23 0:33:27 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|