ئ‍انام ئ‍ەمدى يوق

ئ‍انام ئ‍ەمدى يوق

 

 ئ‍ارزۇگۈل ئ‍وسمان

 

 قەھرىتاندا مۇزغا تېيىلىپ،

 پىژغىرىمدا تەرگە چىلىنىپ،

 گاھى ئ‍ۆلۈپ ،گاھى تىرىلىپ،

مېنى تۇققان ئ‍انام ئ‍ەمدى يوق.

 

مۇزلىسام گەر يۆگەكتە باققان،

 يىغلىسام ھەم باغرىنى قاققان،

ئاغرىسام كۆز يېشى ئ‍اققان،

 مېنى باققان ئ‍انام ئ‍ەمدى يوق.

 

 يىقىلسام ھەم يۆلەپ كەلگەن ،

ئ‍وتلىرىمدا كۆيۈپ كەلگەن،

دەرتلىرىمدە مىڭ ئ‍ۆلۈپ كەلگەن،

 مېھرىبانىم ئ‍انام ئ‍ەمدى يوق.

 

 زىمىستاندا ئ‍وت بولۇپ كۆيگەن ،

 تومۇزلاردا سۇ بولۇپ ئ‍ۆچكەن،

 تۇرمۇشنى دەپ تالاي ئ‍ۆي كۆچكەن،

قەدىردانىم ئ‍انام ئ‍ەمدى يوق.

 

 كۈلگىنىمدە قاقاھلاپ كۈلگەن،

 گاھ يىغلىسام يېشىمنى سۈرتكەن،

 يوللۇرۇمغا تەلمۈرۈپ ك ۈتكەن ،

جانجىگەرىم ئ‍انام ئ‍ەمدى يوق





169 قېتىم كۆرۈلدى arzu313 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-5 2:09:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ