تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى

         تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى

ئېلىجان ئابدۇكېرەم

(بارچۇق ئوغلى )

كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە،
ئارمانلاردىن زەپەر قۇچايلى.
تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ۋەتەنگە،
تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى.

كەمسىتمەيلى مىللەت- مىللەتنى،
يۇقىتايلى يامان ئىللەتنى
يارىتايلى ئىناق جەمىيەتنى،
تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى.

بارچە مىللەت مەھكەم ئۇيۇشۇپ.
مەنزىللەردە قوللار تۇتۇشۇپ،
مۇستەھكەملىك ئۇلى قۇرۇشۇپ،
تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى.

بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇپ،
توغرا بىلەن خاتانى تۇنۇپ ،
نادانلىقتىن يىراقتا تۇرۇپ،
تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى.


ۋەتەن ئۈچۈن ئەجىرمىز بولسۇن،
ئىللىق ماكان گۈللەرگە تولسۇن،
گۈزەل ئەتە شادلىقتا كۈلسۇن،
تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى.

ئىناقلىقىنىڭ كۈيى ياڭرىسۇن،
يۈرەكلەردە ئارمان قالمسۇن،
بەت نىيەتلەر تەشۋىش سالمىسۇن،
تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى .

تېنىچلىقنى سۈيەيلى دىلدىن،
ئىبرەت ئېلىپ قانلىق دەۋىردىن
پەخىرلەنسۇن ئەل ۋەتەن بىزدىن،
تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى.

تېنىچلىق يوق دۆلەت گۇمراندۇر،
ھەتتاخەلىقى سەرسان نىمجاندۇر،
ئىناقلىقتا چۆلمۇ بوستاندۇر،
تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى.

بەخت بېرەر بىزگە مۇقۇملۇق،
بۆلگۈنچىلىك كېسەل يۇقۇملۇق،
ئىنسانلار بىز ئەقلى ئۇقۇملۇق،
تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى.

جۇڭگودىكى ھەرمىللەت خەلقى،
تۇتاش بولسۇن بارچىمىز   قەلبى،
بۇ دۆلەتنىڭ ئارزۇسى تەلىپى،
تېنىچ دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى.

2017,,,6,23
     


تەھرىر :مۇھەممەدتوختى سەببەت 

مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان 





47 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-23 22:56:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ