شۇنداق پاكىز ياشىغۇم كەلدى
(نۇرۇم)
دوسلۇرۇمغا قىلماي خىيانەت،
ھەر يۇلۇمدا تېپىپ ھىدايەت.
ئىزلىرىمدىن قۇيۇپ ھىكايەت،
شۇنداق پاكىز ياشىغۇم كەلدى.
ئۈلپەت بولماي ئەيشى-ئىشرەتكە،
قويماي يارنى قايغۇ-ھەسرەتكە.
سۇلتان بۇلۇپ ئېسىل خىسلەتكە،
شۇنداق پاكىز ياشىغۇم كەلدى.
ئانام ئۈچۈن مەن ھاردىم دىمەي،
كەتسە بىر كۈن ۋاي ئىسىت دىمەي.
دۇئاسىدىن مەن ۋايىم يىمەي،
شۇنداق پاكىز ياشىغۇم كەلدى.
ئاتام ھايات ئېتىم باغلاقلىق،
ئانام ھايات چېيىم قايناقلىق.
ياشاپ شۇندا قەدىر قىممەتلىك،
شۇنداق پاكىز ياشىغۇم كەلدى.
مەنپەت ئۈچۈن تىغلىشىپ يۈرمەي،
توساق قۇرۇپ پۇتلۇشۇپ يۈرمەي.
بىر دان ئۈچۈن چۇقۇلاپ يۈرمەي،
شۇنداق پاكىز ياشىغۇم كەلدى.
قىلسا بېسىم ئىزىلىپ كەتمەي،
سۇنسا خۇشامەت ئېچىلىپ كەتمەي.
تۇمان ئىچىرە مەن ئېزىپ كەتمەي،
شۇنداق پاكىز ياشىغۇم كەلدى .
تاما تارتىپ يورغىلاپ يۈرمەي،
سۇنۇپ قولنى چۆرگىلەپ يۈرمەي.
شۈكرى قىلىپ بارى- يوقىغا،
شۇنداق پاكىز ياشىغۇم كەلدى.
ھەر بىر كۈنۈم خۇشال ئۆتكىدەك،
مىنى دەپ تاڭدا چولپان ئاتقۇدەك.
قەبرەمدىمۇ كۈلۈپ ياتقۇدەك،
شۇنداق پاكىز ياشىغۇم كەلدى.
299 قېتىم كۆرۈلدى | nurumm | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-3 13:48:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-3-20 21:10:22 | ھىجران |
يارايسىز نۇرۇم، بەك ياخشى يېزىپسىز ، قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن، سىزگە ئامەت تىلەيمە |
2016-2-15 18:58:21 | ئاتەشى |
يارايسىز تىرىشىڭ ! |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|