غەزەل - ساقلاش كېرەك
  ساقلاش كېرەك
(غەزەل)
 
 ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
 
ياخشىنىڭ كورغانىنى ئەغيارىدىن ساقلاش كېرەك،
گۈل چېمەن گۈلزارىنى ئازارىدىن ئاسراش كېرەك.

يار يولىدا مۇھەببەتلىك يېگىت بارچىسى ھەمدەم،
سۆيسە گەر ۋەسلىنى ئەلبەتتە ئۇنى قوغداش كېرەك.

ۋەسلى ئەتراپ ئوراغلىق تاغۇ-تاش دەشتىلەر بىلەن،
شۇ تاغۇ-تاش دەشتىدىن كەزمەككە بەل باغلاش كېرەك.

ئول غېرىپ پەرھادى-مەجنۇن كەبى ھەم ئۆز يارىنىڭ،
ئىشقىدا جانى پىدا ئاشىق ئۇنى قامداش كېرەك.

بۇلبۇلى شەيداسغا پۇتلاشقان زېمىستاندەك رەقىب،
شۇ رەقىبتىن نەۋ باھارى ئوتقاشتەك قوغداش كېرەك.

يارىغا كەڭ قۇچاق ئاچقان شۇ گۈەل-گۈلزارىدا،
ئاچىلىپ تۇرغان شۇنداق بوستانىدا قايلاش كېرەك.
 
ــــ شىپائى 2016-يىلى 30-يانۋار
 ئۈندىدار: 13999215195  






155 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 16:10:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ