ئوينىساڭمۇ ئويلاپ سۆزلىگىن - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن

 ئوينىساڭمۇ ئويلاپ سۆزلىگىن
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن

ئېيتقان سۆزنى قايتۇرۇپ بولماس،
ھەر سۆز مىسالى مىلتىقتكى ئوق.
ئېتىلىپ كەتكەن مىلتىق ئوقىنى،
ياندۇرۇپ كەينىگە ئەكەلگىنى يوق.

پۇت يۈگىرىكى ئاشقا بۇلىدۇ،
ئېشىڭ ئۆرۈلسە بىر كۈن تاپسەن .
تىل يۈگۈرىكى باشقا بۇلدۇ،
بېشىڭ ئۈزۈلسە قايدىن تاپىسەن.

ئۆزۈڭنى قانچە پەرداز قىلساڭمۇ،
سۆزۈڭ ھەممىنى قىلىدۇ ئاشكار.
سۆزۈڭ ئاچقان قىلچە نوقساننى،
ئالتۇندىن ھەل بېرىپ ياپساڭمۇ بىكار .

ئەلمىساقتىن بىزگە قالغان ھەقىقەت،
ئوينىاپ سۆزلسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلگىن.
سۆزلىرىڭ قىلمسۇن سىنى ھەرگىز خار،
ھەر سۆرلىرىڭدە ئىززەت كۆزلىگىن .

     





36 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-24 1:59:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ