كۆڭلىڭنى بەرگىن

كۆڭلىڭنى بەرگىن

 

 ئەسقەر قۇربان

 

 يادىڭدا بارمۇ بىز ئۇچراشقان كۈن،

 تەشنا يۈرەكلەر خوشال كۈلگەنتى.

 سىردىشىپ ئۇزاق ئاشۇ خىلۋەتتە،

ئاشىق يۈرەكلەر ۋىسال تاپقانتى.

 

 ئاشۇ دەقىقە شىرىن مىنۇتلار،

 كەتمەيدۇ ھەرچاغ خىيالدىن نېرى،

 كۈتۈش ئىچىدە ئۆتىدۇ كۈنۈم،

ئويلايمەن سېنى سېغىنغانسىرى.

 

 بىلمىدىممۇ مەن كۆڭۈل سىرىڭنى،

 يوقالدىغۇ شۇ ئىللىق تەبەسسۈم.

 كۆيگەن يۈرەكنى قىلدىڭغۇ زېدە،

 قانداق ئۆتىدۇ ئەمدى بۇ كۈنۈم .

 

 ئۇنۇتقىن دەيسەن ئۇنتۇش ئاسانمۇ؟

يۈرۈكىم بولدى لەختە-لەختە قان.

سۆزلىرىڭ گويا سانجىلغان خەنجەر،

 قانسىراپ كېتىپ قالدىغۇ بۇ جان.

 

 قىلمىغىن چاقچاق ئاشىق دىلىمغا،

 يىمىسۇن ئەمدى ئازار ۋە ئازاپ.

 بەرگىنە سەنمۇ كۆڭلىڭنى ماڭا،

چىن سۆيگۈ كەتسۇن قەلبىمگە تاراپ.

 

مەنبە:كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئاقسۇدا يېزىلدى. 2016.1.20





205 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-25 18:33:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ