ياشىغىن (شېئىر) - ئابدۇۋارىس ئوسمان

 ياشىغىن

 ئابدۇۋارىس ئوسمان

ئىللىق شامال يۈزۇمنى كۆيدۇرۇپ كەتتى ،
بىزنىڭ بايلىق دەرخىمىزمۇ قۇرۇپ كەتتى .
ھەي ئاشىق يار كەلمە يۈرەك ئۆلۇپ كەتتى،
ھالىمنى كۆرۇپ  قايدۇمۇ توختاپ كەتتى .

ئاشرۇپ سۆزلەپتۇ دىمە ئازدۇر بۇ سۆزۇم،
ئاسمانغا قارۇغۇدەك قالماپتۇ  يۈزۇم .
ھاردۇق يەتتى ئېغىر كەلدى ئاجىز تېنىم .
ياش تۆكۈلۇپ مەندىن بىزار ھەتتا كۆزۇم،

ۋىژدان بىلەن ئۆز تىنىمنى نەچچە تىلدىم ،
ھېچنەرسەم قالمىدى دەپ يازماقچى ئىدىم.
جىق نەرسەم بارئىكەن تەپەككۈردە بىلدىم.
شۈكۇر دەپ سەبىرقىلىپ رىسقىمنى يىدىم،

قۇرۇپ كەتسە بىر مايسا قاراپ تۇرماڭلار،
يامغۇر ئەمەسكەنمىز دەپ خاراپ يۈرمەڭلار.
ساپ ھاۋانىڭ بىخلىرغا قاپاق تۇرمەڭلار ،
قۇلدىن كەلسە مايسىنى نەمدەپ قۇيۇڭلار.

دوستۇم بولساڭ ياشىغىن كۈلۇپ ياشىغىن،
ئېچىنما ھالىمغا  ئۈمۇتلۇك ياشىغىن .
توغرا-خاتا سىرىنى قېزىپ ياشىغىن ،
يامغۇر بولۇپ خەلىققە ئەردەك ياشىغىن .

3.18
     





15 قېتىم كۆرۈلدى 944382894 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-18 20:39:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ