ئاخىرقى ئاخشام
* رۇستەم مۇتەللىپ ئەركىزات *
ئۇيقۇسىز تۈنلەرگە ياستۇقۇم شاھىد
قۇلاق ئاستىمدا مۇڭلۇق شىۋىرلاپ
ياتاتتىم شۇنچىلىك بولسىمۇ راھەت
بىر رەنا ئىشقىدا تىنماي تىپىرلاپ
گاھى دۈم ياتسام گاھىسى ئوڭدا
ئۆتىدۇ تۈن كېچەم ئۇيقىدىن بىدار
مىڭ تەستە ئۇيقۇغا ئىلىنسا كۆزۈم
چۈشۈمدە ئاراملىق بەرمەيدۇ نىگار
يوتقىنىم مەندىن بولغاندۇ بىزار
كېچە تىپىچەكلەپ بەرمىگەچ ئارام
كۆرپەمنىڭ كۆڭلىگە ئايان ھەممىسى
قەلبىمدە بارلىقى قانچىلىك يارام
نە چاغ خانەمدە ئۆچكىلى چىراغ
ئاپام تىللايدۇ قايتىدىن ياقسام
نېرى كىتىڭلار بەڭباش خىيللار
قانغۇچە ئۇخلاي ئاخىرقى ئاخشام
212 قېتىم كۆرۈلدى | arkizat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-24 16:44:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|