رۇبائىيلار (2) - تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى

 رۇبائىيلار
تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى

بىر ئۆمۈر بەختىمنى كىتابتىن تاپتىم.
ئىززىتىم تەختىمنى كىتابتىن تاپتىم.
نادانغا دوست بولۇپ يۈرگەن بىر زامان،
ئەمدى مەن ئەقلىمنى كىتابتىن تاپتىم.

بەزىلەر ساماغا يول ئالدى شۇ تاپ.
نە ئۈچۈن بىز بۇلدۇق مەنىۋى بىتاپ.
يۈرمەيلى غەپلەتلىك قاراڭغۇلۇقتا،
نۇر چاچسۇن مەشئەل بولۇپ دىللارغا كىتاب.

بەزىلەر ئۆزىنى بىلىملىك ساناپ.
گىدىيىپ تۇرىدۇ ئېگىزدىن قاراپ.
ئەي دوستۇم ئانچىلا كەتمە كۆرەڭلەپ،
مەغرۇرلۇق خەلقىگە كەتمەيدۇ ياراپ.

ئۆزىگە مېھنەتنى دوست تۇتسا ھەر كىم.
ئۆسىدۇ ئابرۇيى چۈشمەيدۇ بەلكىم.
مېھنەت قىلىپ مىننەتكە تېگىشكەنلەرگە،
كەلمەيدۇ سالام قىلىپ قولۇمنى بەرگىم.

ئۇنۇتماي كەلدىم مەن شەرمى ھايانى.
يولاتماي ئەسلىدىن كىبىر رىيانى.
ئاچ قېلىپ ئۆلگۈدەك بولساممۇ ئەسلا،
يېمىدىم نامەردلەر سۇنغان غىزانى.

بىرقەدەم ئالدىڭغا ماڭغىنىڭ ھېساب.
ئۆمرۈڭمۇ شۇنچىلىك بارار قىسقىراپ.
كەلگۈسى ئەۋلادقا نېمە قالدۇردۇڭ،
ۋە ياكى تۇردۇڭمۇ تىرناق تاتىلاپ.

ئاپتور غۇلجا شەھەر بايانداي بازىرىدىن
2015—2016
     





14 قېتىم كۆرۈلدى maxali1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-21 0:38:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ