ئالدىرىمىساڭ ئاشناڭنىڭ ھالىنى كىيىن كۆرسە
ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا )
دوستلىرى ساڭا بېرىپ باھا، پەس تۆۋەن كۆرسە،
ئاز بىلىپ يېنىڭنى ئەسكى ھەم ماز كۆرسە.
قالدۇرۇپ ئارا دۇشمەن چەتتە، يالغۇز يات كۆرسە.
ھەتتا سېنى تاشلاپ ، يولمۇ يول بازار كۆرسە.
ئالدىرىمىساڭ ئاشناڭنىڭ ھالىنى كىيىن كۆرسە.
ئۆتىدۇ كۈنلىرىڭ قەدەمدە ساقلاپ، ھەر كۈنى،
ئىرىشىدىغىنىڭ قۇسۇردىن باشلىنار، ھەر تۈنى،
شۇنداقتىمۇ، ئىزىلگەن يۇرەككە شىپادۇر ئۈنى،
پەرىشتەم،جىنىم دەپ ئارزۇلايسەن بىر شۇنى،
ئالدىرىمىساڭ ئاشناڭنىڭ ھالىنى كىيىن كۆرسە.
شۇنى دەپلا ئەركىن داغدام يولدا يۇرەلمەيسەن،
ياكى بىرەر قىتىم تىخى قاقاقلاپ كۇلەلمەيسەن،
يىغلىپ دوسلار ئارا ،بىر ئۇستەل تاماق يىيەلمەيسەن،
ئۆزۇڭنى ئۆزۇڭ ئويلاپ ئەسلىڭنى بىلەلمەيسەن،
ئالدىرمىساڭ ئاشناڭنىڭ ھالىنى كىيىن كۆرسە.
ئاغزىدىن چۇشمەس بولدى،ئالما ئالتە ئىلىپ بەر،
دوسلىرىمنىڭ قوللىرى لاۋۇلدايدۇ ئالتۇن زەر،
نوركىنىمۇ ئويلاشتىم، سوغۇق بولدى ھەممە يەر،
ئايرىلىمەن بولدى بەس، ئالالمىساڭ سەن ئەگەر،
ئالدىرىمىساڭ ئاشناڭنىڭ ھالىنى كىيىن كۆرىسە.
كۆردىڭمۇ سەن ئۇزجاناننىڭ ئىشىۋاتقان ھالىنى،
قەلبىدىن سۆيسە، شەرىت قويۇپ قىينامدۇ يارىنى،
قىلغىنىنى بىلمىدى، يوقتا تاپتى، ئاتىدىغۇ بارىنى،
تاشلىدى ياش يىگىت كۆڭلى بۇنداق قارىنى،
ئالدىرىمىساڭ ئاشناڭنىڭ ھالىنى كىيىن كۆرىسە.
2016-يىلى 12ئاينىڭ 5-كۇنى
تەنھا تۇرنا
194 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-5 13:28:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|