ئۆز - ئۆزۈمگە دىگىم گەلگىنى
كېچە بىلەن دۇشمەن مىدىڭ سەن ،
ھەر كۈن كېچە كىرپىك قاقمايسەن .
يا تومۈردىن يارالغانمۇ سەن ،
بىرەر كېچە ئۇخلاپ قويمايسەن .
تەڭ كېچىدىن ئۆتكەندە ئۇخلاپ،
ئەتتىگىنى سەھەر قوپمايسەن .
شۇ ھالىڭغا تېخى ئۇخلىغاچ ،
چۈشلىرىڭدە شابان ئوينايسەن.
ئويغۇنۇپلا تېلفۇنىنى ئېلىپ ،
يوتقاندىلا ۋېيشىن ئوينايسەن.
توپ ئارىلاپ چەمبىرىك كۆرۈپ ،
ھەر ئۇچۇرنى ئالا قويمايسەن.
ئەتىگەنلىك تامىقىڭ چۈشتە ،
ئىشقىپ تاماق يىمەي تويمايسەن.
تاماق يىگەچ سۆرەتكە تارتىپ ،
چەمبىرەككە شۇنى يوللايسەن.
ئىنكاسلارنى كۆرۈپ شۇ ئەسنا،
ئۆز ئۆزۈڭگە كۈلۈپ تاشلايسەن.
ئاندىن يىغىپ ئىنكاسچىلارنى ،
ئۆزۈڭ باش بوپ ئويۇن باشلايسەن.
ھەر كۈنلۈرۈڭ ئۆتەر مۇشۇنداق ،
ھەممە ھارسا سەنلا ھارمايسەن.
تۇرمۇشۇڭنى رېتىغا سولاپ،
ئويۇنۇڭنى قاچان تاشلايسەن.
2015-12-12 كۈنى سەھەر
شاگىرت: (م.ئا)
| 178 قېتىم كۆرۈلدى | nigarhan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-28 10:56:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|