مەرھابا نورۇز
ئەخمەتجان ئەمەر
كۈلدى غۇنچە خۇش كەلدى نورۇز ،
ھەممە ياقلار ياپيېشىل كۆكلەم .
خەندان ئۇرۇپتۇ كۆكتە بۇلبۇلمۇ ،
نورۇز بىلەن تەڭ بۇلۇشۇپ ھەمدەم .
مەرھابا نورۇز مەرھابا كۆكلەم ،
زوق ئالار سەندىن جىمى مەۋجۇدات.
ئۈمىدلەر ياققىن ئۈمۈدسىزلەرگە ،
شادلىنىپ كۈلسۇن جىمى كائىنات .
كۈلدى گۈل غۇنچە كۈلدى چىچەكلەر ،
نورۇزدا يايراپ كەتتى يۈرەكلەر .
نورۇز ئېلىپ كەلدى باھارنى چىللاپ ،
ھەممە خۇش ئۆتسە شۇدۇر تىلەكلەر .
نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈپ دوسلار ،
ئانا ۋەتەندە خۇشال ئۆتەيلى .
ئەل يۇرت ۋەتەنگە قوشايلى تۆھپە ،
ئەل يۇرتقا سالام گۈللەر سۇنايلى .
ئەل يۇرتۇم سىزگە نورۇزلۇق سالام ،
نورۇزدا شادلانسۇن بارچە ئەل-ئاۋام .
ئەجدادلار ئىزىنى بېسىپ مەڭگۈگە ،
ئۈزمەستىن قىلايلى مەڭگۈگە داۋام .
2016 . 3 . 19
| 190 قېتىم كۆرۈلدى | ئەخمەتجان ئەمەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-21 13:48:36 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|