قىمارۋاز قادىر قېيىمنىڭ قايغۇسى
ساۋۇت سەدەن (ئانارى)
قادىر قېيىم قۇشۇمچىسىنى قوشۇش قارارىدا، قانۇنسىز قىلمىشلار قاتارىدىكى قىمارغا قوشۇلدى، قانۇندىن قوقماي قىمارغا قوش قوللاپ قوشۇلغان، قادىر قېيىمنىڭ قوتاندىكى قوزۇلۇق قويىمۇ قالماي قىماردىن قۇرۇقدىلىنىپ قالغاچقا قۇرسىقى قورقۇنۇشلۇق قۇرۇلداپ قوشۇمچە قىلىشقا قىستىدى، قادىر قېيىم قىلنى قىرىق قىلىدىغان قاسىم قاتتىقنىڭ قوتۇندىكى قوشقارنى قويۇش قارارىدا، قوتانغا قاراپ قاتىرىدى، قادىر قېيىم قوتاننىڭ قۇلىپىنى قۇمۇرۇپ قوشقارنى قولتۇقلاپ قاچقاندا ،قاسىم قاتتىق قوتاننىڭ قوش قوۋۇقىدا قۇچقاچنى قاماللىغان قارچۇغىدەك ،قادىر قېيىمنى قۇچاقلىدى ،قادىر قېيىم قاسىم قاتتىقتىن قۇتۇلۇش قارارىدا قوينىدىكى قېلىچنى قاسىم قاتتىقنىڭ قۇرسىقىغا قارىتىپ قاقتى ،قاسىم قاتتىق قانچە قارشىلىق قىلسىمۇ قېلىچ قاپارىتقان قۇرساقتىن قان قۇيىلىۋەرگەچكە قاسىم قاتتىقنىڭ قېنى قالماي قوتان قوۋۇقىنىڭ قارىشىدىكى قوي قىغىغا قۇرۇق قاقشالدەك قىچچىڭلىغانچە قىيسايدى ،قادىر قېيىم ،قاسىم قاتتىقتىن قۇتۇلسىمۇ قاتىللىق قىلمىشىدىن قانۇن قۇلىدىن قۇتۇلالمىدى.
قەدىرلىك قەلىبداش قېرىنداشلا قادىر قېيىمدەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى قىلغانلارنى قانۇن قامچىسىدا قاتتىق قامچىلاپ قانۇنسىز قىلمىشلارنى قىلغان قارا قۇرساقلارنى قۇرۇتايلى!
قىرىنداشلا قانۇننى قەدىرلەيلى، قانۇن قۇدرەتلىك!
428 قېتىم كۆرۈلدى | ساۋۇت سەدەن (ئانارى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-22 18:24:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|