مەرھۇم دوستۇمنى ئاچچىق ئەسلەپ :
سەن كېتىپ
— نۇرئېلى ئابابەكرى . ئۆركەش
كىرپىكلىرىم قىرو باستى ئاشۇ يازدا سەن كېتىپ،
ئىسسىق ئاپتاپ پىژغىرىملا زىمىستاندەك سەن كېتىپ،
يۈرەكلىرىم زېدە بولۇپ ئاجىز سوقتى سەن كېتىپ،
سورۇنلارمۇ ماتەم گويا بۇرادىرىم سەن كېتىپ،
شۇنداق قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ئىككى يىلمۇ سەن كېتىپ.
يۈرەر ئىدىڭ يېنىمدىلا كۈلۈپكىنە بەك خۇشال،
خۇددى تالىپ تاپقاندەكلا ياخشى چارە بىر ئامال،
ئېغىر چاقچاق قىلساممۇ كۈلەر ئىدىڭ بولماي ئوسال،
ئەيلەر ئىدى ھەركۈن داۋام سەندىكى خۇشخۇي جامال،
شۇ جامالنى زەپ سېغىندىم قېرىندىشىم سەن كېتىپ.
خوش دېمەي كېتىپ قالدىڭ دوستۇم باغرىڭ شۇنچە تاشمۇ ؟
ئاقتى كۆزدىن بىلەلمىدىم قان ياكى يىرىڭ ياشمۇ ؟
ئىللىق جەننەت گۈلشەنىدە كۈنلىرىڭ ئوخشاش شاشمۇ ؟
يۈردۈڭمۇ سەن ئامان- ئېسەن سىڭەمدۇ يېگەن ئاشمۇ ؟
مەن بۇنىڭدا ئەنسىرىدىم جان ئاغىنە سەن كېتىپ .
تەغدىرىڭ كاج ئىكەنغۇ كەتتىڭ ئېسىت غورا تۇرۇپ ،
كەلگەن ئىدى ياشلىقىڭمۇ ئون بەش ياشتا مەۋج ئۇرۇپ،
شۇ يۈكسەك غورۇرۇڭمۇ تۇرغانىدى پال-پال يورۇپ،
ساداقەتلىك ئورنىغانتى قەلبىڭگە سۇلتان بولۇپ،
سادىق دوستمۇ بولالمىدىڭ مانا ئەمدى سەن كېتىپ.
موتوسكىلىت مىنىشىڭگە كىشىلەر ھەيران ئىدى،
ئۆتكىنىڭدە قۇيۇندەك ھەركوچىلار ۋەيران ئىدى،
ئەگرى- توقاي يوللاردىكى توپىلار سەرسان ئىدى،
تاغ - داۋانلار سەن ئۈچۈن بىر ئوڭايلا جەريان ئىدى،
كوچىلارمۇ زار - زار بولۇپ ئېسەدىدى سەن كېتىپ.
قالدىم مانا ئۆزۈم تەنھا سەندەك دوستىن ئايرىلىپ،
كۆز ياشلىرىم سىرغىدىغۇ يۈزلىرىمدىن قايرىلىپ،
سەن كەتسەڭمۇ قالدى مەندە دوستلۇق رىشتە باغلىنىپ،
جەننەتلەردىن قاراپ قويغىن رىشتە ئۈچۈن قايرىلىپ،
بىر قاناتىم سۇنۇپ كەتتى جان جىگەرىم سەن كېتىپ.
2016 - يىل 19- فېۋرال 19:10 / pm
91 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئېلى ئابابەكرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-25 16:49:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|