مېھىر تىۋىشلىرى
مۇھەممەتجان سامساق
كېچىلەرى ئۇيقۇدىن بىدار ،كۈتمەكتىمەن مۇڭلۇق كۈيۈڭنى ،
سۈرەتلىرىڭ تالدى تەلمۈرۈپ، تۈن لىباسى ياپتى يۈزۈڭنى ،
ساقلىدىم ئۇزاق ، ساقلىدىم ، ئاشۇ مېھىر تىۋىشلىرىڭنى،
ئاتتى تاڭ كۆرسەتمەي ، سېغىنىشلىق ئاشۇ كۈلۈشلىرىڭنى ،
خىياللىرىم قۇرىماي تۇرۇپ ، دېرىزەمدىن مارلىدى قۇياش ،
ئەسىر بولدۇڭ قايسى ئوتلارغا ، سېغىنغاندا تۆكتۈم تامچە ياش ،
سۆيگۈ شىرىن بولسمۇ جانان ، ئۇزاتتىمغۇ تەنھا تۈنلەرنى ،
ياكى ئاچچىق قىلمىدىڭ نىدا، ئۇزاپ كەتتىڭ بولدۇڭ باغرىتاش ،
سۆيگۈ گۈلى تۇزىماي تۇرۇپ ، مېھىرلەرنى جۇدۇن سوقتىمۇ؟
يۈرۈكۈمدە ئەنسىز بىر خىيال، مەندىن بەخىت تۇزۇپ كەتتىمۇ؟
ھەر سۈزۈمدە مۇھەببەت پۇراق، كۈيلىگىنىمدىن ئازار يەتتىمۇ؟
سېغىنغىنىمنى بىلدىڭمۇ جانان؟ سىنى بىراۋ مەھبۇس ئەتتىمۇ؟
سەھەرلەردە سەھرا شامىلى ، سۈيۈپ ئۆتەر ئىللىق چېرىمنى ،
شۇئان خىيال ئەيلىدىم سىنىڭ ، شۇقەدەر ئۇز سۇمبۇل چېچىڭنى ،
مۇھەببەت ھۇزۇرى شىرىن، ئەسلىدىم ھىجراننىڭ بېغىدا ،
سەن غېرىپ ، مۇساپىر مەن ، يەتمىدى قۇلۇم سىلاشقا بېشىڭنى ،
ئاپتۇرى-ئاقسۇ شەھەر قارتال بازىرىدىن مۇھەممەتجان سامساق
تىلفۇن ئۈندىدار ئالاقە نۇمۇر-15599755288
2016-12-1
مۇھەببەت كۈيچىسى
| 237 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-1 8:13:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|