ئاياللار
ھېلىم سەلەي
ئايالنىڭ مىھرىدە كۆكلەر يۈرەكلەر،
مىھرسىز يۈرەكتە تۇتماس كۆچەتلەر.
مىھرسىز يۈرەككە ئۇقۇيدۇ نەپرەت ،
قارا يەر ئاستىدا ياتقان ئۈلۈكلەر.
ئاياللار يارالدى مىھرى -شەپقەتكە،
باغرىنى ئاچىدۇ گۈلگە-چىچەككە .
سىلايدۇ يىتىمنىڭ بېشىنى شۇنداق ،
ئىخلاسنى ئايماي مەڭگۈ ئەبەتكە .
بىزەلدى ئايالدا دۇنيا زىننىتى ،
غۇنچىلار ئايالنىڭ يۈرەك مىھنىتى.
خۇشپۇراق چاچقاندا ناتىۋان گۈللەر ،
ئىخلاسى ئايالنىڭ ھەمدە ھىممىتى.
ئاياللار ئەللەرنىڭ ئەزىز مىھمىنى،
ھۇسۇلدا تاغ ياسار ئايال دىھقىنى .
دوسلارغا ئايىماي يۈرەك بارىنى ،
بولدى ئۇ بۈگۈندە ئەلنىڭ يېقىنى.
| 88 قېتىم كۆرۈلدى | rabiya | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-1 4:53:36 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|