دادا سەن نەدە - ئامانتاي سۇلتان

دادا سەن نەدە
ئامانتاي سۇلتان 


ياپيېشىل ياپراقلار تاشلاپ كۈز كەلدى ،
دادا دەپ بالام ئىزىڭغا ئات سالدى،
بۇ كۇڭۇل غىرىپلىق سازىنى چالدى ،
ئىزلىدىم جاھاندىن دادا سەن نەدە.

ئۇيناتتىم بىر چاغلار سىنى ئات قىلىپ ،
چۇڭ بۇلدۇم ھەمدە سىنى قاقشىتىپ ،
سەن بۇلغاچ يۇرەتتىم يۇغان پو ئىتىپ،  
سىغىندىم ھەجەپمۇ  دادا سەن نەدە،

تىككەن كۇچەتلەر ئۆسۈپتۇ ئىگىز،
سەن يۇق قوراي بېسىپتۇ  ئىتىز،
پاك ئىدى بىزگە بەرگەن ئەجرىڭىز،
ھەر يەردە سۇرىدىم دادا سەن نەدە.

تەبىئەت بىلدۇردى ماڭا بىر ھىكمەت ،
دۇنيادا ياشاش ئەمەسكەن قىممەت،
ياخشى نام قالسۇن باسقان ئىزلاردا،
تاپارمىز شۇندىلا ھەقىقى ئىززەت .

ئاپتۇرنىڭ ئۇندىدار نۇمۇرى 1507146444
     





87 قېتىم كۆرۈلدى ئامانتاي سۇلتان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-16 16:10:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ