مەن دەيسەن
 مەن دەيسەن 
 
(ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم)
 
تەڭرە بەرسە رىسقىڭنى ئۇنى تىخى بىلمەيسەن،
كۆرەڭلەيسەن-پاتمايسەن،بۇ جاھانغا تويمايسەن.
تاپتىڭ شۇ پۈچەك پۇل، ھەممىگە قادىر ئۇ دەيسەن،
تەڭ ئەمەسمۇ سەنچە ئۇ، بارچە ئىشتا مەن دەيسەن.

ھۆكىرەيسەن شۇنداق، مەنچە كىشى يوق ھەم دەيسەن،
ئىنسانلىقنى ئۇنۇتۇپ باشقىلارنى پەس دەيسەن.
دۇنيالىقنىڭ ئىشىدا نېمەڭ ئارتۇق مەن دەيسەن،
تەڭ يارالدۇق ھەممىمىز، سەنچە مەنزىل يوق دەيسەن.

كۆپ كۆرەڭلەپ كەتمىگىن بارچە ئامەتلىرىڭدىن،
ۋاقىتلىقلا دۇنيا بۇ، ئۇنى تەرىك ئەتمىگىن.
ئېگىز-پەسلىك بولىدۇ سېناقلاردىن ئۆتمىگىڭ،
ئەقىل تاپقان ئىنسانغا ،يېتەرلىكتۇر بىلمىگىڭ.

كۆرەڭلەيسەن ھەرقاچان ھوقۇقۇڭمۇ ئاقمايدۇ،
ئىلىم-پەندىن باشقىسى ياخشىلارغا ياقمايدۇ.
نىمەڭ ئارتۇق قاخشايسەن ھاياتلىقتا يۈرگەندە،
ھىممەت بىلەن ياشىغىن،رەنجى كۈلپەت بولمايدۇ،

ھەقىقەتتىن سۆزلەيسەن توغرا ئىشنى قىلمايسەن،
پۇل بىلەنلا ھوقۇقتا ئەقىلدارلىق بار دەيسەن.
كەلدى كۆپلەپ ئىنسانلار ئۇنىڭسىزمۇ ئۆتتىغۇ؟
ئىنسانىيەت ھاياتى ئىلىم بىلەن يۇردىغۇ؟

تارىخلاردا ئۆتتىغۇ، ئالىم بىلەن زالىملار،
ھېچ قايسى قالمىدى كەتتى دۇنيادىن يالىڭاچ.
ياخشىلار دەپ ئاتالدى ،بۈيۈكلىكتە ئالىملار،
بەخىت يارتىپ ئىنسانغا ئۆزنى قۇربان قىلغانلار.

ھەقىقەتكە ئىسىلىپ توغرا يولدا ماڭغانلار،
مۈشكۈللىكتە ياشاپمۇ دانالىقتا يۈرگەنلەر.
مەنىۋىيەتنى بېيىتىپ گۈزەل دۇنيا قۇرغانلار،
ھېچ ئىشتا ماختىنىپ ئۆزنى ياخشى دېمىگەنلەر.

كۆرمىدىڭمۇ ئۇلارنى ئالساڭ شۇندىن ئىبرەتنى،
شۈكرە ئەيتىپ ھالىڭغا ئوڭشاپ ماڭساڭ ئىشلارنى،
رازى بۇلۇپ ئاللاھيىڭ  قىلسۇن ساڭا رەخمەتنى،
كۆڭلىڭ يۇرۇپ شۇ چاغدا بىلىپ قالسەن ھېكمەتنى.

خېقىرايسەن سەتەڭدەك، نازلاپمۇ ھەم يۈرمىگىن،
ئاقلانچىلىق قىلىشىپ بەشكە -ئوننى قوشمىغىن.
دىۋانىنىڭ خالتىسدەك پۇل كەينىدە يۈرمىگىن،
ئۆز نەپسىڭگە چوقۇنۇپ ئىشقى ۋازلىق قىلمىغىن.

يەتسەڭ ھېكمەت تېگىگە بارچە ئىنسان بارابەر،
ئۇخشىمايدۇ پەقەتلا ئەخلاق بىلەن قىممىتىڭ.
پەزىلەتتە يېتىلسەڭ بۇلار شۇنداق زېننىتىڭ ،
بۇزما شۇڭا ئۆزىڭنى  ئادالەتتە ئېززىتىڭ.
 
ـــ شىپائى 2016- يىلى 27- يانۋار




189 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-28 18:15:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ