ئۆلۈم كەلدى بىر يىل يىقىنلاپ
*
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر
*
كۈن ئۆتتى ، ئاي ئۆتتى يىللارمۇ شۇنداق ،
ھەر كىشى ئۆز ئىشى بىلەن تىپىرلاپ .
بۇ يىلمۇ ئۆتتى ھەم قانۇنيەت بىلەن ،
ئۆلۈممۇ كەلدى ھەم بىر يىل يىقىنلاپ .
*
كەلگەندەك يىڭى يىل يىڭىچە ھايات ،
يىڭىچە نىشانلار چىقىرىپ قانات .
كونا يىل بولغاندەك بىزلەر ئۈچۈن يات ،
ئۆلۈممۇ كەلدى ھەم بىر يىل يىقىنلاپ .
*
يىل - يىللار ئۆتەركەن ئۆتمۈش قالدۇرۇپ ،
يىڭىدىن كەلگىنى بايرام تۇيۇلۇپ .
ئەسلىدە بىرەركەن ئۆلۈمنى سۇنۇپ ،
ئۆلۈممۇ كەلدى ھەم بىر يىل يىقىنلاپ .
*
بايرام دەپ تەبرىكتە ئۆتۈپ بەزىسى ،
.ياساركەن قەلبىگە ئەقىل قەبرىسى .
ئەسلىدە ئۆتكەن يىل ئۆلۈم تەبىرسى ،
ئۆلۈممۇ كەلدى ھەم بىر يىل يىقىنلاپ .
*
قىلغاندەك يىڭى يىل ئۈچۈن تەيارلىق ،
تۈزگەندەك پىلاننى راۋرۇس بىر يىللىق .
ئەجەلمۇ تۇرسۇن ھەم ئەسكە سىلىقلىق ،
ئۆلۈممۇ كەلدى ھەم بىر يىل يىقىنلاپ.
*
2016 . 12 . 31 . كۈنى . غولجا
| 67 قېتىم كۆرۈلدى | assalam | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-31 23:35:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|