تۇرمۇش ئۇچۇن - مەخسۇم ئابدۇقىيىم

 تۇرمۇش ئۇچۇن 


مەخسۇم ئابدۇقىيىم

بۇۋاي دەپ سانالدى شىردەك بىر يىگىت،
جاپانى ئۆزىگە مۈھۇردەك بىسىپ.
راھىتى  ئۇ لىكىن جاپا كۆرۇنمەي،
ساداقەت گۈلنى تۇماردەپ ئىسىپ.

كەچ ياتتى ،نىشانى سەھەر دەپ بىلىپ،
قورۇققا پەرۋاسىز گۈزەلدۇر بىر قىز .
ھەممىدە ئىيتىلغان تۇرمۇش ناخشىسى،
ئەۋلادىن ئەۋلاتقا قالدۇرۇپ شۇ ئىز.

تۇرمۇش دەپ ياشىدى قىرى ۋە كىچىك،
قار -بوران ھەتاكى  جۇدۇن  كۆرسىمۇ.
بىرىگە    بەرىكەت ،     بىرى  نەھاجەت،
دىمەس ھەم ئۇ بىراق ،غەمسىز يۇرسىمۇ.

مۇش دىدى تۇرمۇشنى ياشىساڭ چىدا،
يىرىمى  قاراڭغۇ     يىرىمى     يۇرۇق .
ھەر سەھەر دۇئاسى تىنىچ-ئامانلىق ،
بىر ئۆمۈرچىكىگە چۇشسىمۇ قورۇق.
     





98 قېتىم كۆرۈلدى yingyol ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-17 1:55:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ