سۆيدۈرگىلى يارىم كەلمەكچى (ناخشا تىكىستى) - ئېلىجان ئابدۇكېرەم

سۆيدۈرگىلى يارىم كەلمەكچى
ئېلىجان ئابدۇكېرەم
(بارچۇق ئوغلى)

كۆيدۈرگىلى يارىم كەلمەكچى،
كۈلدۈرگىلى يارىم كەلمەكچى.
گويا غۇنچە، گويا گۈل بولۇپ،
سۆيدۈرگىلى يارىم كەلمەكچى.

كېلەر مىكىن قاشىنى ئاتىپ،
نەۋ باھاردەك ھالىنى تارتىپ.
ساقلاش بىلەن، كۈتتۈم دەرد تارتىپ،
سۆيدۈرگىلى يارىم كەلمەكچى.

كۈتۈۋېرىپ بولدۇم بىتاقەت،
يارىم بىغەم كەلمىدى پەقەت.
تەلمۇرۈشكەن سۆيگۈ مۇھەببەت،
سۆيدۈرگىلى يارىم كەلمەكچى.

مەن يۈرەرمەن سېغىنىپ ساقلاپ.
كونا جايدا يارىمنى ئويلاپ.
ئۆتەمدىكىن بىر ئۆمۈر گوللاپ،
سۆيدۈرگىلى ياردىن كەلمەكچى.

ناخشا تېكىستى
ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
ئۈندىدار.2318334127
2017,,2,,5





26 قېتىم كۆرۈلدى dlkax ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-9 22:20:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ