ئانا يۇرت مىھرى - ئىمىنجان ئابدۇرىھىم

ئانا يۇرت مىھرى  

 ئىمىنجان ئابدۇرىھىم


 كېندىك قېنى تۆكۈلگەن يەرنىڭ مېھرى باشقىكەن،
نەگەبارسام يۇرت ھېدى دىماغىمدىن كەتمىدى.
بۇلۇت سۆيگەن ئىمارەت، سارايلاردا قونساممۇ،
لايدا سالغان ئەنجان تام ئۆيلىرىمگە يەتمىدى.

ئوخشاپ قالدى چىرايىم ئالتۇن رەڭلىك ياپراققا،
قەدەملىرىم بەك ئېغىر پاتقاندەكلا پاتقاققا.
ھالى شۇنداق بولامدۇ مۇساپىرنىڭ بىلمىدىم،
كۈندە نەچچە دەسسىدىم نامەرت قۇرغان قىلتاققا.

سەندە قالدى خىيالىم، سەندە قالدى ئارمىنىم،
ئانا يۇرتۇم قوينۇڭغا ئۇچۇپ بارغۇم كېلىدۇ.
ئايرىلمىسا  يۇرتىدىن بىلىنمەسكەن قەدىرىمۇ،
مۇساپىرنىڭ دەردىنى مۇساپىرلا بىلىدۇ.
     





59 قېتىم كۆرۈلدى ئىمىنجان ئابدۇرىھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-8 19:18:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ