رۇبائىيلاردىن پارچە
ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
باقسام زامان ھالىغا كەيىپ ئىشرەت ئاققۇدەك ،
خۇمسىلارغا بەل ئەگسە ھەر كىشىگە ياققۇدەك .
ھەسەل يىيىش تەس ئىكەن ھەرىسى بار كۆنەكتىن ،
يىيىش ئۈچۈن ئۇرۇنسا ھەرە كىلىپ چاققۇدەك .
مەردلىك ئىكەن ئاڭلىسام يات يولىنى تورىماق ،
قاملاشمىغان ئىش ئىمىش ياخشىلارنى دورىماق .
بىلمەي ئۆتسە ئاقىلمىش ئىزىپ قالسا يولىدىن ،
ھامەقەتلىك بولارمىش توغرا يولنى سورىماق .
كىملەرگىدۇ ئىيتارمىش ياخشى يامان گىپىنى ،
ئۇسۇل ئويناپ بىرەرمىش چىلىپ بەرسە دىپىنى .
قارلانغانلار ئاز ئەمەس بىرى تۈزگەن تۈزۈمدىن ،
تۇتماي تۇرۇپ ھەتتاكى گال پىچاقنىڭ سىپىنى .
شائىر ئۈچۈن تەس بولدى ئادالەتنى كۈيلىمەك ،
قەرىزداردىن ھەم بەرگەن پۇللىرىنى سۈيلىمەك .
جاھان تەتۇر قىزلارنىڭ چىرايى پۇل يىگىت تۇل ،
تەس بوپ كەتتى ئۆيدىكى ئوغۇلنىمۇ ئۆيلىمەك .
سۆيگۈ دەيمىز بىز شۇنى لەۋنى لەۋگە يىقىشىپ ،
ھاياسىزلىق ئىلكىدە ئوڭ تەتۇرلار بىقىشقپ .
دوستنى ئۇنتۇپ كىتىمىز سۆيۈپ ئەيشۇ ئىشرەتنى ،
كۈندە ئۇچراپ تۇرساقمۇ قوللارنى چىڭ سىقىشىپ.
ياخشى كۈننىڭ يامىنى كىتىپ قالساق جاھاندىن ،
ئازاپ ئاشۇ بولمامدۇ بۇغداي ئالماي ساماندىن .
ئەزرائىلمۇ سىقتىغۇ تالاي قاتتىق بويۇننى ،
نىمە قورقۇش خۇمسىدىن نامەردلەردىن ياماندىن .
ئەگىشىدۇ ئىزلىرىڭدىن مەرد پالۋان نام ئالساڭ ،
پۇختا قىلغىن ئاپەت يوق مەيلى ئاددى تام سالساڭ .
گالدىن ئۆتسە غەنىيمەت دىمە ئاشنى ئالدېراپ ،
قورساق ئسىپ ئۆلتۈرەر ھەر كاپامنى خام سالساڭ .
ئاتا ئانا ئۆلمىسە بىزمۇ مەڭگۈ ئۆلمەيتتۇق ،
جاھان شۇنداق بولمىسا بىزمۇ ساختا كۈلمەيتتۇق .
يات دىللىقلار ئۈگەتمەك بولدى بۈگۈن دىلىنى ،
ئۆم ئىناقلىق بولسا ئەركىن بىز ئازادە يۈرمەمتۇق ؟
2016.يىلى 6.نويابىر كۈيتۈن
171 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-7 19:25:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-9 22:48:14 | abdukahar |
nahayitiyahxiyiziliptu munu xiir dawamlik tirixip tihimukayilkilarlik asar yizixigizni umud kiliman |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|