قەبرىگە يېزىلغان ئۇزۇرنامە - ئۇيغۇربېك
كەتتى … كىملەر يىغلايدۇ كىملەر كۈلىدۇ، كىملەر قايتا ئەسلەيدۇ ،كىملەر ئۇنتۇيدۇ مەيلى كىم قاتتىق يىغلىسۇن يا پەرۋاسىز كۈلسۇن بەرىبىر كەتتى، كەتمەنلەنگەنلەر قايتىپ كەلمەيدۇ قايتىپ كىلەلمەيدۇ ، شۇنداق ئۇ كەتمەنلىنىپ كەتتى ، بىزمۇ بىركۈن كىتىمىز قايتا كەلمەيمىز،قايتىپ كىلەلمەيمىز . 
ئۇنىڭ كىتىپ قېلىشىنى ھەر دەقىقە ئۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئايمۇ ئالدىن بىلىپ بۇلالمىغان،ئەنە ئەجەل دىگەن شۇ ، ناۋادا بىر كىمنىڭ قاچان كىتىپ قالىدىغانلىقىنى بىلەلىگەن بولساق ھېچ بولمىسا ئۆزى بىلىپ يىتەلىگەن بولسا ، ئۇنىڭدىن رازىلىق ئېلىۋالاتتۇق ئۇمۇ خۇداغا بىر بارە سېغىنۋالاتتى . ئەجەل شۇنداق قېلىنكەن ئۇنى چاقىرمىسىمۇ ئۆزى بېرىپ يىتىۋالىدىكەن . مەن كەلدىم دەپ خەۋەر بېرىۋېتېشلېرىدىن تەمايىڭىز بولمىسۇن ، ئۇ شۇنداق جىم كېلىپ جىم كەتكۈچى ئەفسۇس سىزنىمۇ قۇشۇپ ئېلىپ كىتىدۇ. خەيىر ياش كىتىپ قالدى باغلېرىدا باھار بولغىنى يوق دەپ قالىمىز لىكىن ئۇ كەتتى قايتا كەلمەيدۇ، قايتىپ كىلەلمەيدۇ . 
ئۇنىڭ گۈللېرى تامام خازان بولدى ، ئەترافىدا شۇ زامان بۇلبۇللار پەيدا بولدى . بۇلبۇلنى توزىغان گۈل ئۈچۈنمۇ سايرايدۇ دىسە ، مەندىن باشقا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ ،لىكىن ئىشەنگىنىمدىكىدەك ئۇنىڭ ھاياتلىق گۈللېرى توزۇپ كىتىۋىدى مەن كەبى بۇلبۇللار ئۇنىڭ چۆرىسىگە يىغىلىىشتۇق ، دۈشمەنلەر ناۋا قىلىشتى دوستلار نالە قىلىشتى دىمەك بۇلبۇل قورىغان گۈل ئۈچۈن ھەم سايرايدۇ ، چۈنكى بۇلبۇل ناۋاسىنى ھەم ، نالىسىنى ھەم سايراپ ئىپادىلەيدۇ ، ئەفسۇس قوش ئاۋاز بۇلبۇل سايرىسىمۇ ئۇ قايتا كەلمەيدۇ ، قايتىپ كىلەلمەيدۇ .
* * * 
ناماز ۋاقتىدا كەلگەن تىلفون ئۇيقۇمنى سەل ئېچىپ قويدى ، شۇندىمۇ غەپلەتتە ئىدىم . جان جىگەر ئاغىنەمنىڭ ئۆلۈم خەۋېرىگە ئىشەنمەي تۇرغان بولساممۇ مىنى قورقۇنۇچ باستى، ئەفسۇس« شۇندىمۇ ئۇيقۇم تېخىچە ئېچىلماي تۇراتتى راس غەپلەتتە ئىكەنمەنتۇق. »
گەپنىڭ قىسقىسىنى قىلمىسام سۆزلېرىمدىن قۇرۇق گەپ پۇراپ قالمىسۇن . نامازدىن كىيىن قانچە ئۇيقۇم كەلسىمۇ بالىلار بىلەن يىغىلىپ دوستۇمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ كىرەلمەي قايتۇق ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىدە قان يىغا قايناپ تۇراتتى چىرايلىق كۆزلەر ئاق ياغلىق ئاستىدا ياش تۆكۈۋاتاتتى ، بىز كىرىپ ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى پۇچۇپ قويمايلى دىيىشىپ ئۇدۇل قەبرىستانلىققا چىقتۇق دوستۇمنىڭ قەبرىسىنى ياساشقا ياردەملەشمەكچى بولساقمۇ ئادەم نىڭ كۆپلىكىدىن بىزگە قىلغۇدەك ئىش قالماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن نامازىنىڭ پىشىندىن يېنىپ ئۇقۇلدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ قايتىشتۇق ، قايتىش يولدا ئۆزۈمگە ئۆزۈم ھەيران بۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم مانا بۈگۈن يېقىن دوستۇم تۈگەپ كەتتى ئەفسۇس مەندە ھېچبىر قىيالماسلىق ئىپادىسى كۆرۈلگىنى يوق ئايرىلىشقا چىدىيالماي كۆزدىن ياش ئاققۇزۇشلار خېلى يىراق ، باشقا دوسلۇرۇمدىمۇ دوستىنىڭ مۇسىبىتىگە ئاھ ئۇرغىدەك كۆڭۈل يوق ، ھەي ئىسىت دەپ دوستىنىڭ مۇسىبىتى ئېغېر كىلىپ جىمغۇر بۇلۇپ كىتىشلەر تېخى يىراق ، ھەممىزنى شەيتان كۈلكىمىز قىستاپ تۇراتتى( لىكىن بۇ كۈلكىمىز ھەرگىز دوستىمىزنىڭ تۈگىگىنگە كۈلگەن كۈلكە ئەمەس بۇنىسى ئېنىق بولسۇن) 
بەلكىم بۇ كۈلكە ئالدىنقى كۈن ئاخشامقى ئۇزۇندىن يىغىلىشمىغان جان جىگەر دوسلېرىمىزنىڭ ئەسرالىقىدا كۈلۈنگەن كۈلكىلەرنىڭ داۋامىدۇ ۋە يا ناماز ئۈستىدە كۈلۈنگەن بىمەنە كۈلكىگە ئوخشاش شەيتان غالىپ كېلىپ قالغان كۈلكىدۇ ، لىكىن بۇ ۋاقىت يۈزىمىزدە ھەرقانداق سەۋەپتىن تەبەسسۇم تۇرغۇدەك ۋاقىت ئەمەستى راس ھەقىقەت بىزنى شەيتان چۆرگىلەتتى . 
ئالدىنىقى كۈنى ئاخشىمى ھەممە ئاغىنىلەر يىغىلىپ بىر دوستۇمىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەنتۇق دەل 17 يىل بۇرۇنقى شۇ كۈندە بىر دوستۇم بىزگە قۇشۇلۇشقا نىسىپ بوپتىكەن يەنە شۇ كۈنى بىر دوستۇمنىڭ بىزدىن ئايرىلىشى ئىرادە تەغدىر بۇلۇپتۇ . 
ئادەمنىڭ كەلمىكى ئون كۈن كەتمىكى ئون كۈن دەپ قانچە يېقىن بولساقمۇ ئون كۈن ئۆتتى ھەممە بۇرۇنقىغا قايتتى ، بەزىدە تۇرۇپ تۇرۇپ ، ھېي راس بىزنىڭ ئاشۇ دوستىمىز تۈگەپ كەتتى جۇمۇ دىيىشىپ قويمىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچكىم قايتا ئەسلىمىدى دائىم كۈلكىلەردە ھېيت ئايەمدە بىر گە بولغان جان دوستىمىزنى بىرەر پەيشەنبە يوقلاپ كىرگىنىمىز يوق ، بىرەر جۈمە كۈنى بۇ ئۇلۇغ كۈن دەپ دۇئالاردا دوستىمىزنى يات ئېتىپ قويغىنىمىزدىن گەپ تاشلاش مۇمكىن بۇلمايدۇ.
دوستۇمنىڭ تاۋۇتىنى كۈتۈرۋاتقان چېغىمدا ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئورنىدا ، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ ئورنىدا قۇيۇپ ئويلىدىمدە قورقۇنۇچۇمدا ئۇنى ھەر پەيشەنبە يوقلاپ چىقماقچى بۇلۇپ ئۆز ئۆزۈمگە قەسەم بەرگەنتىم قەسەملەر نەدە قالدى … توۋا دەيمەن 
دىمەك ھازىرقى زامان دوسلۇقى شۇنچىلىك…(دوستۇڭنىڭ سۆزىنى ھەرگىز ئاتا ئاناڭنىڭ سۆزىگە سېلېشتۇرۇپ يۈرمە ئەرزىمەيدۇ . )
گەپنى قىسقارتقۇم بولمىسىمۇ يەنە قىسقارتاي قۇرۇق سۆز كۆزگە خۇشياقمايدۇ ...
كۈنلەر ئۈتۈپ ھېيت كېلىپ قالدى ، دوستلار يەنە يىغىلىشىپ كۈلۈشۈپ يۈردۇق تۇيۇقسىز رەھمەتلىك دوستىمىز يادىمىزغا يېتىپ قالدىدە قەبرىسىنى يوقلاپ قويماقچى بۇلۇپ قەبرىستانلىققا توغۇرلاندۇق ... ۋىجدانىمىزغا ئاھانەتلىك بىر ئىش دەل مۇشۇ يەردە يۈز بەردى بىز دوستىمىزنىڭ قەبرىسىنى تاپالماي قالدۇق قەبرىستانلىق سەل پەل ئۆزگىرىپ قالدى دەپ ئۆزىمىزنى ئاقلاشقا تىرىشتۇق بۇرۇن بىز تاۋۇتنى مۇشۇ يەرگە كۈتۈرۈپ ئېلىپ كەلگەن مانا ئەمدى ئىككى قەبرىنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭ قايسىسى دوستىمىزنىڭدۇ دەپ باشنى قاشلاپ قېلىۋاتىمىز نىمە دىگەن بىچارە دوسلۇق بولدى بۇ ... يىغلىغۇمىز كەلدى . ئاخىر ئىككى قەبرىنىڭ ئوتتۇرسىدا دۇئا قىلىپ يېنىشتۇق . دىمەك ھازىرقى زامان دوسلۇقى مۇشۇنچىلىك … (چوڭ بىلىپ كەتمە ئەرزىمەيدۇ ، ئاتا ئاناڭ سېنىڭ ئاخىر ھەقىقى دوستۇڭ بۇلۇپ قالغۇسى شۇلارغا قىل نىمە قىلساڭ ئەرزىيدۇ ) .
* * *
دوستۇم تۈگەپ كەتكەن كۈنى بىرى ئۇنىڭغا مەرسىيە يېزىپ چ چ ئۈندىدار چەمبىرىكىگە چىقىرۋېدى ئۇنى ساۋاقداش دوست بۇرادەرلېرى كۆچۈرۈپ يىغلىغان بەلگىنى قۇشۇپ تارقىتىپ يۈرگەنتى ، بەك كۈلگۈم كەلگەن . مانا ئەمدى مەنمۇ گەپنى قىسقارتىش ئۈچۈن شېئېر دىگىلى بولمىسىمۇ شېئېر دەپ تۇرغۇدەك بىر نىمىنى يېزىپ قەلىب سۆزلېرىمنى مەجبۇر قىسقارتاي ، چۈنكى يەنە شۇ گەپ جىق گەپ قۇلاق ۋە كۆزگە خۇشياقمايدۇ . 

قەبرىگە يېزىلغان ئۇزۇرنامە
قەبرەڭنى بىر يوقلايلى دەپ قالدۇق بۈگۈن خىجالەتتە،
كەچۈرەمسەن بىزنى دوستۇم ،ئەتە ئۆگۈن ئاخىرەتتە.

قىيامەتلىك دوست بۇلۇشقان ئەھدى ۋەدە قالدى قايان،
سېنى ئاخىر ئۇنۇتتۇقمۇ، بۈگۈنكى ھېيت - ھالاۋەتتە.

كەتكىنىڭچە كېتىپ قالدىڭ بىز ئارقاڭدىن كىتەلمىدۇق،
لىكىن, يىغلار يۈرەك ، «كۆز كۈلسىمۇ »خىيانەتتە.

دوستلۇق دىگەن شۇ بولدىمۇ بىلمەي قالدۇق ئۆزىمىزمۇ،
كۈلۈپ يۈردۇق ساراڭلارچە، سەن تۇرساڭمۇ رىيازەتتە.

دوست يىغلىسا ياندا كۈلگەن ، ئىت مۇناپىق نامەرد ئىشى،
لىكىن شەيتان چۆرگىلەتتى شۇ كۈن كەتتۇق ھىدايەتتە.

بەلكىم بۇنچە كۈلەلمەستۇق، بىر ئالمىشىپ كەلسە ئەجەل ،
بىز ئورنۇڭدا ئاشۇ گۆردە ، بۇلۇپ باقساق زىيارەتتە.

نەچچە ۋاقىت ئېزىپ يۈرۈپ ئەقىدىنى ئۇنتۇپتىمىز ،
پەرۋا -پەلەك مۇسىبەتكە ، ناتۇنۇشتەك قىياپەتتە.

ئەمدى بۈگۈن پۇشايماندا قەدرىڭ ئىزدەپ يۈرۈپتىمىز،
يۈز كىلەلمەي ئۆزىمىزگە، ۋىجدان يىغلار ئاھانەتتە.

كەچۈر دوستۇم كەتكىنىڭگە ئاھ پەريادلار ئۇرالمىدۇق،
ئەمدى بولسۇن سېغىنارمىز سېنى دۇئا - تىلاۋەتتە.

ئاخىرقى بىر تىلەك قالدى ، كۈلۈپ ياتقىن كۆرۈشكۈنچە،
ئىنشا ئاللاھ كۆرۈشەرمىز ، ئاخىر يەنە قىيامەتتە ★. 
* * *
ناۋادا بىر كۈنى مەن ئۈلۈپ كەتسەم ماڭا كىرىكى مىنىڭ جىنازەمنى كۈتۈرۈشكەنلا دوستلېرىم ئەمەس ، خۇدا خالىسا جىنازەمنى خەلقىم تالىشىپ كۆتۈرىدۇ ، ماڭا كىرىكى ھەر دۇئاسىدا مىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ساختا ساداقەتتىن پاكىز ھەقىقى دوستتۇر . شۇ دوسلار راستتىنلا بولسا مەن ھازېرنىڭ ئۆزىدە خۇدادىن بەختىنى تىلەيمەن .
بۇ ئارقىلىق دوسلېرىم سەمىگە چىن دوسلۇقنى ئاڭلىتىپ ئۆتمەكچى ۋە رەھمەتلىك دوستۇمدىن مىڭ پاچە خىجىللىقتا ئەپۇ ئۇزۇر سورىماقچى ، دوستۇم ھەتتا يىلىڭنىمۇ ئۇنتۇپ ئۆتكىزۋېتىپتىمىز بەك خىجىلمىز . 2015-يىل 4-ئاينىڭ -4 كۈنى ، بىز ئۈچۈن زور يۇقىىتىش، 
- دوستۇڭدىن.





296 قېتىم كۆرۈلدى uyghurbek ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-6 11:28:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-21 16:03:31 فىردون
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئەسىرىڭىزنى ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلىگەنتىم ئالدىن رۇخسىتىڭىزنى ئالالمىدىم كەچۈرۈڭ ئاڭلاپ بېقىشنى خالىسىڭىز سالونىمنى قوشۇپ ئاڭلاپ باقارسىز uzawazcn مۇشۇ سالوننى قوشۇپ ئاڭلاپ بېقىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ