ئۆگەن
يازغۇچى: دىيانەت
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ دۇنيانىڭ رەھىمسىز سىناقلىرى كۆپ،
بەرداش بىرىپ ھەممىگە كۈنۈشنى ئۆگەن.
غېرىپلىقتا ئاھ ئۇرماي قەددىڭنى رۇسلاپ،
ياش چىقارماي كۆزۈڭدىن كۈلۈشنى ئۆگەن.
پىتنە-پاسات دەججالدەك يۇپۇرلۇپ كەلسە،
سۈكۈت ناملىق قورالنى ئېتىشنى ئۆگەن.
جەۋرى-جاپا دېڭىزدەك سەل بولۇپ كەلسە،
سەبىر ناملىق قولۋاقنى ھەيدەشنى ئۆگەن.
ھايات يولى ئىگىز پەس، گاھى تاغ داۋان،
تىك قىياغا يامىشىپ چىقىشنى ئۆگەن.
گەر -ناۋادا يىقىلــىپ سۇنـغاندا پۇتۇڭ،
ھاسا تۇتۇپ توختىماي مېڭىشنى ئۆگەن.
يول بويىدا قىزىلگۈل ئۇشقىغان چاغدا،
تىكىنىدىن قوقماستىن تۇتۇشنى ئۆگەن.
ئەرزىگۈدەك نەرسىلەر سېنىڭ بولغۇچە،
ئۈمىد ئۈزمەي بىر ئۆمۈر كۈتۈشنى ئۆگەن.
گۇناھ يولى تۇيۇق يول پايدىسىز قىلچە،
زەئىپ قىلماي ئۆزۈڭنى ئاسراشنى ئۆگەن.
پاك-ئىپپىتىڭ،ۋىجدانىڭ، غورورۇڭ بىلەن.
ئادەم بولساڭ ئادەمدەك ياشاشنى ئۆگەن.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
2017-يىلى4-ئاينىڭ7-كۈنى. كورلا
15 قېتىم كۆرۈلدى | Diyanat0996 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-9 8:20:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|