قار مېھرى

قار مېھرى

 

 ياسىنجان گاسىل

 

قارغا قاراپ سىنى ئەسلىدىم،

 قاردەك كۆڭۈلنى يەنە ئىزلىدىم.

 قاردەك ئېرىپ سۇدەك توڭلىساڭ،

 نە قىلايمەن؟ ئاھ، شۇنى سېغىندىم.

 

بىر چاغ ئىدى، قار بىزگە مامۇق،

 مىھرىمىزمۇ ھەم ئۇنىڭ رەڭگىدە.

ئېرىغان قاردەك تۆكۈلسە قەلبىم،

ئامراقلىققا ھەممە ھەۋەستە.

 

 باقى ئەمەسكەن ھەممە ھالاۋەت،

 قەدرىڭ بىلەن توڭلىدى قەلبىڭ.

 قاردۇر مىسالى ۋەيران ۋىسالغا،

رەڭگى ئاق مېھىرى بەك يىلىڭ.

 

قار تۇزان جېمى ئاق چىچەك،

كۆمۈلدى ئىز ئۆچكەن ئۆتمۈشتەك.

 مەنمۇ ھەم قار ئادەم شۇتاپ،

كۆزۈڭدە ئەخلەت ئەمما كۆمۈشتەك.

 

 ئۆتەر يىللار شاللاپ پەسىللەر،

 كىتەر ياشلىق سوۋغىتى بەڭباش.

 ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلى خاتىرە،

قەلەم بىلەن ئۆتىدۇ مۇڭداش.

 





198 قېتىم كۆرۈلدى ياسىنجان گاسىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-13 22:11:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ