ئاتىلار ئىكەن - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

ئاتىلار ئىكەن

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


پەرزەنت ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك تەرىنى تۆككەن،
پەرزەنت دەپ كۆزىدىن نۇرلىرى يۈتكەن.
دۇنيا ئەمەس پەرزەنتنڭ بەختىنى كۈتكەن،
ئەسلىدە تاغ يەلكىلىك ئاتىلار ئىكەن .

پەرزەنتى ھاياتتىن زەپەرلەر قۇچقاندا،
شاتلىقتىن قاناتلىنىپ سامادا ئۇچقاندا.
ھاياتنىڭ يولىنى قامانلاپ تۇتقاندا،
يۈرۈكىدىن كۈلەلىگىنى ئاتىلار ئىكەن.

بالامغا دەپ ياخشىنى ئۆزى يېمەيدۇ،
كىيمى جەندە بولسمۇ ئۆزى كىيمەيدۇ.
چارچىدىم بولدىلا توختاي دېمەيدۇ،
پىداكار شۇ زاتلار ئاتىلار ئىكەن.

جاپادىن قوللىرى بولسىمۇ يېرىق،
يۈزىدە قورۇقلار مىسالى ئېرىق.
يېسىمۇ ئۆزى زاغىرا, تېرىق،
ئاق نان بەرگىنى ئاتىلار ئىكەن.
     





132 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-30 18:44:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ