مەن مۇھەببەتنى كۆرۈپ باقمىغان (نەسىر) - ​ ئالمىرە ئەخمەت

مەن مۇھەببەتنى كۆرۈپ باقمىغان 


 ئالمىرە ئەخمەت 


شۇنداق مەن ھەقىقەتەنمۇ مۇھەببەتنى كۆرۈپ باقمىغان . مۇھەببەت يۈرەكتە بولارمىش ، شۇنىڭغا قاراپ مۇھەببەتنى قاندەك قىزىل دەپ ئويلۇدۇم .ياق ،ياق ئاشىقلار مۇھەببىتىنى بىپايان چەكسىز ئاسمانغا نەقىل ئېلىشىدۇ . دىمەك مۇھەببەت زەڭگەر رەڭدە بولسا كېرەك . قايسى زامان شۇ ماڭا يات نەرسە مىنى ئەسىر قىلدى بىلمىدىم ،مۇھەببەتنى كۆرمەي تۇرۇپلا يۈرۈكۈمگە سېلىۋالدىم . ئۇنى كۆرمۈدۈم ھېس قىلدىم . ھېس قىلغىنىم مۇھەببەت قارا رەڭ بولۇپ چىقتى .
       مەن ئۇنى ئاپئاق قارلار  ئارىسىدا مەشۇقۇمنىڭ سۆزىدىن ياق كۆزىدىن ھېس قىلغان ئىدىم . چۈنكى ئاشىق مەڭگۈ "سۆزۈمگە ئوخشاپ كىتەر كۆزلۈرۈم ، ئەمما شۇ كۆزۈمدەك سۆزلىيەلمەس سۆزلۈرۈم " دەپ ياد قىلغۇچىدۇر . مەن مۇھەببەتنى كۆرۈپ باقمىغان . ھەم كۆرۈپباققۇممۇ يوق ، چۈنكى قاراڭغۇدا ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەي سۈر باسقاندا ،ھەتتا ئۆز سايەڭمۇ سىنى تاشلاپ يالغۇز قويغاندەك قارا مۇھەببەت ئوخشاشلا پۇچۇلانغان يۈركۈڭنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن مەشۇقسىز ئاشىق قىلىپ ،يەنە سىنى پەقەت شۇ قارا مۇھەببەتتىكى ئۇچقۇنسىز ئوتتەك كۈل كەبى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ خالاس .
      مەن مۇھەبەتنى كۆرۈپ باقمىغان . پەقەت قەلبىمگە مۇھەببەت سالغان چىراينى كۆرۈپپاققان . ئۇنى كۆرسەم مۇھەببەتمۇ چوقۇم ئاشىقىم كەبى گۈزەل دەپ ئويلايمەن . ئويلىسام ئاشىقىمنى كۆرمىگىلىمۇ خېلى زامان بوپتۇ ، ئاشىقىمنى كۆرمىگەنگە چىدىدىم مۇھەببەتنى كۆرمىسەم نىمە بوپتۇ دەپ ئويلۇدۇم يەنە .
       ئاخشام چۈشۈمدە يېڭى ئاياق كىيىپ چۈشەپ قاپتىمەن ، ئەتتىگەن خۇدادىن مەن بۇ چۈشنى كۆرمىگەن بولاي دەپ ئۆتۈندۈم . چۈنكى ئالدىنقى قېتىممۇ چۈشۈمدە يېڭى ئاياق كىيىپ چۈشىدىم ۋە سىنى سۆيۈپ قالغان ئىدىم . دۇئا قىلدىم " ئېي خۇدا مەيلى ئۆمرۈم بويى يالاڭئاياق ئۆتەيكى يەنە شۇ مەن كۆرۈپ باقمىغان نەرسىنى قەلبىمگە سالمىغىن ، ھامان مەڭگۈلىكى يوق جاھاندا مەڭگۈلۈك دەپ قارا رەڭدە يەنە كۈل بولغۇم يوق !"
      مەن مۇھەببەتنى كۆرۈپ باقمىغان ھەم مەڭگۈ كۆرمىسەم كاشكى .
     





114 قېتىم كۆرۈلدى almira ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-28 21:30:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ