توردىكى گۈزەل (شېئىر) - تاھىرجان

 توردىكى  گۈزەل
  تاھىرجان (مەجنۇن )ھېيىت

ئۇچراپ قالساڭ توردىكى گۈزەل،
قەلبىم  بىلەن  مېھرىمنى  بېرەي.
ساڭا سۆيگۈ  مەكتۇپى  يوللاپ،
سەن ئاڭلىساڭ سىرىمنى سۆزلەي.

مەۋھۇم دۇنيا توردىكى بوشلۇق،
يۈز  كۆرۈشۈش  تەكلىپى بېرەي.
ئوماق چېھرىڭ ئايمۇ يۇلتۇزمۇ،
كۆز  ئالدىمدا  ئۆزەڭنى كۆرەي.

يوللاپ بەرمە  يالغان سۈرەتنى،
سەن يوقتۇرما ئۇنداق ئىللەتنى.
يۈز كۆرۈشسەك تاتلىق سۆز گۈزەل،
بىرگە تاپاتۇق سۆيگۈ خىسلەتنى.

تور   دۇنياسى  بولدى  خاتىمە،
ئاخىرى كەلدى خوش چىراي گۈزەل.
ئوت سالدىغۇ  مىسكىن يۈرەككە،
شېرىن سۆزلۈك زىلۋا بوي بەدەن.

ئاي   يۈزۈڭنى   سىزاي  يۈرەككە،
سېنى  بەرمەي  مەندىن  بۆلەككە.
توردىن  كەلگەن  ئاشۇ  رەيھاننى،
نېسىپ بولارمۇ  مەڭگۈ سۆيۈشكە.

ئاپتورى.باي ناھىيىسىدىن.تاھىرجان ھېيىت. مەجنۇن
ئەمدى كىمگە ھۆرمەت قىلىڭ.نامسىز تارقاتماڭ.
رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ.ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
ئاپتور ئۈندىدار تېلېفون.    13150331763
     





104 قېتىم كۆرۈلدى majnuntal ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 23:31:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ