يوقلۇقنى سۆيۈش

         (يوقلۇقنى سۆيۈش(تەقلىد

《رامىلە ئەخمەتجان》
دېڭىزنى ياخشى كۆرىمەن  بىرەر قىتىممۇ بىرىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن

يولتۇزلارنى ياخشى كۆرىمەن  ، ئۇلارنى بىرەر قىتىممۇ تۇتالمىغانلىقىم  ۋە بوينۇمغا
ئۈنچە قىلىپ ئاسالمىغانلىقىم ئۈچۈن

ئاسماننى ياخشى كۆرىمەن  ، بۇ ھاياتىمدا
ئۇنىڭغا چىقىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن

قۇشلارنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇلارنى
چۈشەنمىگىنىم ۋە ئۇلارنىڭ تىلىدا بىرەر قېتىممۇ سۆزلەپ باقمىغانلىقىم  ئۈچۈن

گۈلنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭدەك تىكىنىم بولمىغانلىقى  ئۈچۈن

ئاينى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭ يېنىغا
بېرىپ دەردلىرىمنى ئېيتالمىغانلىقىم ئۈچۈن

قۇياشنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭغا يېقىندىن
قاراشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىم ئۈچۈن

 ، سەن مىڭىۋاتقان يوللارنى ياخشى كۆرىمەن
چۈنكى ئۇنىڭدا ئەبەدىي ماڭالمايدىغانلىقىم ئۈچۈن

قوللۇرۇڭنى ياخشى كۆرىمەن ،ئەمدى ئۇنى
تۇتۇپ قالالمايدىغانلىقىم ئۈچۈن

كېچىشنى ياخشى كۆرىمەن ، چۈنكى ئۇنىڭدا كېلىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن

سېنى ياخشى كۆرىمەن ،  مەڭگۈ مىنىڭ بولالمايدىغانلىقىڭ ئۈچۈن
غەربى شىمال مىللەتلەر ئونۋىرسىتى 2014 يىللىق تىل-ئەدەبىيات 2سىنىپ ئوقۇغۇچىسى  

     





158 قېتىم كۆرۈلدى 613731 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-19 10:20:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-1 23:22:41 يامغۇر
يوقلۇقنى سۆيۈش ناملىق بۇ شئىر مەريەم نەشتەرى نىڭ شئىرى ئىدى ……
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ