نەسىھەتنى ئۆزۈڭگە ئەڭ يېقىن بولغان ئۆزۈڭگە قىل
ئەي نۇرمۇھەممەت ! باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش ، يا ياشلىقتىكى بىلەرمەنلىك ۋە ياكى قېرىلىقتىكى ئۆلەرمەنلىك . شۇڭا سۇنى سىڭگەن يەرگە سەپ ، نەسىھەتنى ئۆزۈڭگە ئەڭ يېقىن بولغان ئۆزۈڭگە قىل ! باشتىلا ئەسكەرتىپ قويايكى ياراتقۇچى يىگانەدۇر. يارالغۇچىلارنىڭ ھەمراھى ، ھەمكارلاشقۇچىلىرى بار . ئۇلار قوشكېزەك تۇغۇلۇپ قالىدۇ ، لىكىن ئۆلىمى يالغۇز بولىدۇ؛ كۈچ بىرنەچچە ياقتىن يىغىلىدۇ ، ھەمكارلىق بولسا ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچتۇر . ئۆزنىڭ كۈچى بىربولسا ئۆزگىنىڭ كۈچى مېڭ بولىشى مۇمكىن . شىر يولۋاسلارغا جانى جانۋارلارغا قارا ، ئۇلار ھەمكارلىشىپ ئوزۇقىنى تىپىپ يەيدۇ ، لەززىتىنى تىتىپ يەيدۇ .
ئەي نۇرمۇھەممەت ! بۇدۇنيا ھەمكارلىق دۇنياسىدۇر ، قۇياش يەرشارىغا يېقىن كەلسە يەرشارى ئوتشارىغا ئايلىنىدۇ ، قۇياش يەرشارىدىن يىراقلاپ كەتسە ، يەرشارى مۇزشارىغا ئايلىنىدۇ . شۇڭا سەن ئەلۋەتتە يەنە بىر سەن بىلەن يەرشارى دەپ ئاتىلىدىغان شارىنىڭ ئېچىدە ھەمكارلىشىپ ياشايسەن . ئادەم ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى ، بۇيەردىكى ھەمكارلاشقۇچى، ئادەم ئورگانىزىمىدۇر . ئاللاھ ئادەمنى ياراتقاندا ھەممە ئەزانى بىر بىرىگە ھەمكارلاشقۇچى قىلىپ ياراتقاندۇر ، ئوڭ قول - سول قول ، كىرپىك كۆز ئارىسىدىكى ھەمكارلىق بولغىنىدەك .
ئەي نۇرمۇھەممەت ! چوڭ گەپنى قويۇپ تۇرۇپ ، ئۇيغۇر تىلىدىكى (ئۆز ئارا ) دېگەن گەپنى چۈشەنسەڭلا كۇپايە . قوش قاناتلىق دەرۋازا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئالتۇن بوسۇغىنى قوغدايدۇ ، ياكى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ قوش قاناتلىق پەرىشتىدەك سىنى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ .
ئەي نۇرمۇھەممەت ! ساڭا ئايانكى، ئىتتىپاقلىق بىلەن ئائىلە گۈللىنىدۇ ، ئاجراشقاندا قىممەت پارچىلىنىدۇ ، پەرزەنتلەر تەقسىم لەنگەنگە ئوخشاش . ئىشەنچ ھەمكارلىقنىڭ ئاساسى ، نۇرمۇھەممەت ! قەلبىڭدىكى ئىشەنچ ئارغامچىسى شەيتان تەرپىدىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن .
468 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرمۇھەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-2 19:43:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-7 2:22:41 | turgun |
yahxe yahxe |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|