مەسنەۋىيلەر
ئەكبەر ئىدرېس ئەرچىن
ئىچ شاراپ ئۇخلا كەيىپتە بەڭگى ئوغۇللار ،
يوقاتقىن پۇل ماللىرىڭنى كۈلسۇن ئوغۇرلار .
ئايرىغىن سەن خوتەن ، مەن قەشقەر، ئۇ ياركەنتتىن دەپ ،
چاچ قىنىنى تەڭرىتاغقا، سۆڭىكىن غاجاپ، گۆشىنى يەپ .
خەجلە قوقماي ئاتاڭ دىر -دىر تىترەپ توڭۇپ تاپقان پۇلنى ،
داۋام قىل، يانما زىنھار، ئەيىش ئىشرەتلىك راھەت يولنى .
ئۆزگىلەر ئاسمان پەلەكتە ئۇچسا پەننى قانات قىلىپ ،
بىز يۈرەيلى ئورا كولاپ بىر نان تاپساق داپ چىلىپ .
نىمە كەپتۇ ياشلىقىدا كىتاب ئوقۇپ مەتو بولۇپ ،
تازا ئوينايلى پاتقاقتا كەتسەكمۇ ئويۇندا بىز سولۇپ .
ئارقىمىزدا تۇرسا ئاتىمىز تەڭرىتېغىدەك غادىيىپ ،
نىمە كەپتۇ پۇل مال تىپىپ ئاپتاپلاردا قارىيىپ .
بىز دىگەن مىھمان ئەمەس ، بولمايمىز جاندىن جۇدا ،
قىلايلى راسا گۇناھ كۆرمەيدۇ بۇنى ئەما خۇدا .
ئاجىزلارنىڭ بوپ كەتمىسۇن بۇ تۈگىمەس دۇنيا جاھان ،
يىقىتايلى مىسكىن غىرىبنى بولۇپ كۈندە پەھلىۋان .
نىمە كارىمىز ياۋا توڭگۇز چەيلىسە باغۇ چىمەننى ،
بىز قىسساق بولىۋىرىدۇ چىكىمىزگە تىكەننى .
بىز دىگەن « پالۋان ئۇيغۇر » كۈچ قۇدرەتلىك بىلىمسىزمۇ ،
يوقالمايمىز تەۋرەنمەيمىز دۇنيادىن ئىلىمسىزمۇ .
سۆزلە مۇئەللىم ، ئوينا ساۋاقداش كەلمەيدۇ ياشلىق ئاداش ،
ياستۇقنى قىرلاپ ئۇخلايلى ئويغانمىدى غالىپ قۇياش …
2016.يىلى 22.نويابىر كۈيتۈن
| 218 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-22 14:17:13 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|