تۇرمۇش ۋە ھايات
ئاپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئەزىز
ھايات مەنزىلى ئۇزاقتۇر ئەمما،
سەن ھاياتتىكى يولۇچى پەقەت.
تاپىسەن بىر كۈنى توغرا يولۇڭنى ،
ئارزۇغا يىتىسەن بىر كۈنى ئەبەت.
تۇرمۇش گويا چەكسىز بىر دېڭىز،
سەن شۇ دېڭىزدىكى تەنھا بىر كېمە.
دولقۇنلار ھاياتىڭ خوددى دېڭىزدەك،
دېڭىزدا نىشانسىز قالمايمەن دىمە .
پۇشايمان ساڭا ئاچچىق بىر دەرىس ،
غەم-قايغۇ كىلەركەن جىمجىت شەپىسىز.
ئارزۇيۇڭ بۇلۇركەن بىر كۈنى غازاڭ ،
ئارزۇغا يەتمەك تەس ھىچبىر ئەجىرسىز.
ماڭىسەن ھامان ماڭمىغان يولدا ،
بىلمەيلا كۈنىسەن شۇنداق ئىزلارغا .
كەتتىڭ يار قالدىمغۇ سوغۇق كەپەمدە،
قاچانمۇ يىتەرمەن ئارزۇ-ۋىسالغا.
| 137 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-10-5 21:55:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|