پەخىرلىك ئۇستاز
گۈلبەھرەم ئاخنىياز (نەفىسە )
سەبىيلەرنى ئىزدەيلى ھەيئەتلەر گۇرۇپپىسى ئاقسۇ باش ئەترەت پىدائىيسى
يۈتمەكتە سەبىيلەر ئەتراپىمىزدا،
قان ياشقا لىق تولدى ئانا كۆزلىرى.
يىغىلدۇق پىدائىي ھەرجاي ھەريەردىن ،
بىزگە يۈلەك ئەللەرنىڭ قوللاش سۆزلىرى.
مەن ئاددىي پىدائىي سەبىيلەر ئۈچۈن،
باش بىزگە بورانكام پەخىرلىك ئوغلان.
يوقىغان سەبىينى ئىزدەش يولىدا،
ئوت بولۇپ يانماقتا قەلبىمدە ۋۇلقان.
سەبىيلەر كۆزىدىن ئاقسا تامچە ياش ،
قان ئاقار يۈرەكتىن چىدالماي ئاڭا.
قۇتقۇزۇش يولىدا شۇ سەبىيلەرنى،
تەسەددۇق ئەزىز جان بارلىقىم ساڭا.
مىللەتتە گەر بولسا ئىناقلىق ئۆملۈك،
يۈتەمتى بىزلەرنىڭ سەبىي باللىرىمىز.
ئويغانساق ھەريۈرەك سەبىيلەر ئۈچۈن ،
پەخىرلىك كۈلەتتى ئەل يۇرت ئاتلىرىمىز.
پەخىرلىك ئۇستازىم سالام تەشەككۈر ،
كۈچ بولۇپ يىغلىدۇق سىزنى چۆردەپ .
نامەرد دەپ تىللىدى شۇ نادان خەلقىم ،
تىلەمچى قىزنى سەن خارلىدىڭغۇ دەپ .
لىكىن شۇ خەلقىم بەكمۇ نادانكەن ،
بىلمىدى ئەل ئۈچۈن سوققان يۈركۈڭنى .
ئەي ئاكا گۈللەنگىن ئۆرلىگىن كۆككە ،
شۇنچە كۆپ پىدائىي باسار ئىزىڭنى .
| 60 قېتىم كۆرۈلدى | abilikm | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-8 4:26:42 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|