كۆرۈشمىسەك  بوپتىكەن ئەسلى 
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى 
( شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )
ئويلىمىغان  ئىلگىرى  زىنھار ،
قويۇشۇڭنى بۇنچە  ھەيرەتتە .
چېھرىڭ نۇرلۇق ،كۆزلىرىڭ خۇمار ،
بارچە تەنناز  قالۇر  ھەسرەتتە .
گۈل جامالىڭ  ئەقلىم ئېتىپ لال ، 
نىگاھىمنى ئەيلىدىڭ بىھۇش  .
تۇيغۇلاردا ئەجەپ  غەيرى ھال ،
ئارام بەرمەس دولقۇن -داۋالغۇش .
شېرىنلىگى ئىشىقنىڭ بۇ تاپ ،
 تىنىغىمدا  ئەيلىنەر بايان  .
چىن سۆيۈلۈش ئىستىگى قىيناپ ،
ھارارىتى بولۇر نامايان .
مېھرىڭ سېنىڭ  ئوتلۇق نىمانچە ،
قەلىبلەرنى ئېتەركەن قامال .
بەرسەڭ ئىدىڭ سۆيگۈدىن تامچە ،
تاپار ئىدى ئارمىنىم  ۋىسال  .
 كۆرۈشكەندە قۇت پەيزى سۈردۈم ،
بولغىنىدەك كاتتا ھېيىت -بايرام .
تىرىك دۇزاق ئازاۋى كۆردۈم ،
ئايرىلىشقا بېرەلمەي چىدام .
ئاققۇ كەبى پەر قېقىپ ئۇچۇپ ،
كۆز ئالدىمدىن كەتتىڭ يىراقلاپ .
دىل خانەمدىن بىر سادا ئوخچۇپ ،
 قويدى  مېنى كەسكىن سوراقلاپ  :
-كۆيگىنىم  راست ،ئەتمەي ئاشكارە ،
يەنە  نىچۈن بولىسەن خىجىل   ؟
بەردىم جاۋاپ :
                 -مەندە نە چارە ،
تەمتىرەشتە كېكەچلىسە  تىل !؟ ...
  خىيالىمدا   سەن كۆككە چىقىپ  ،
ئايلانغاچقا    ماھى ھىلالغا  .
 تىپىرلىدىم   دېمىم  سىقىلىپ ،     
غېرىپ كۆڭلۈم    قالدى ئۇۋالغا .
"كۆزگە يېقىن ،كۆڭۈلدىن يىراق " -
دېگەندەكلا تۇتالمىدىم قول .
ئۇچراشساقمۇ ،مىڭ ئەپسۇس  بىراق -
سالالمىدىم يۈرىكىڭگە يول .
ئۆتتى ھەر كۈن گويا يىل كەبى ،
 تەلمۈرگەنچە   كۆزۈمنى ياشلاپ .
 شەيدالىغىم  بۇدەم ئەسەبى  ،
كەتتى بىلسەڭ جېنىم  زەپ  قاخشاپ .
كوچىسىنى   بىر رەت   كۆرمەستىن ،
سۆيگۈ كۈيلەپ يازدىم كۆپ ئەشئار .
" مەجنۇن " دەيتتى خەخلەر بىلمەستىن ،
 بولمىسماممۇ  بۇنداق  ھالغا   يار .
ئۇزۇلمەس قىپ  رېشتىم باغلىدىڭ ،
 نېتەي ، ئۆزۈڭ  سەزمىدىڭ ئەسلا ؟
ئوتقا  تاشلاپ  باغرىم داغلىدىڭ ،
ئۆرتىنىشتىن كۈل قىلدىڭ راستلا .
  تالجىقماقتا روھىم   دىلرابا   ،
 تىلەپ سەندىن  سۇنۇشنى  زەمزەم  .
يۈرىكىممۇ  چەكمەكتە  نىدا   :
-سېغىنىشقا بەرگىن ،-دەپ،- بەرھەم  !
مۇڭغا ئورۇن بوشاتتى شادلىق ،
باستى تاغدەك دەرتلەر شۇ قەدەر .
بېرەر ئىدى  سۆيگۈڭ  نىجاتلىق ،
 سەندە  زەررە  كۆرۈنمەس ئەسەر .
تارتماي تۇرۇپ ئەسلا دىل رايىڭ،
دېدار ئىزدەپ كەلگەن سەن نىچۈن ؟
قەلبىمدە جاي تاپسا سىمايىڭ ،
ھېسلىرىڭغا بوپقالدىم يۇچۈن .
يانمايدىكەن كۆڭۈلنىڭ پەيلى ،
بۇيرىغىمغا قىلماس رىئايە  .
ئاغرىنمايمەن  سۆيمىسەڭ مەيلى ،
 بوي  كۆرسەتسەڭ ئىدى   كۇپايە ......
ئىچىمدە ئوت   گۈر -گۈر كۆيىدۈ ،
روخسارىمدا سارغىيىش پەسلى .
پىراغىڭدا  ئاشىق  ئۆلىدۇ ،
كۆرۈشمىسەك  بوپتىكەن ئەسلى !
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋېزىيە  ئىستانسىسىدىن 
      
    
     
    
    
  
 
  
    
    |  21715  قېتىم كۆرۈلدى  | 
    xeydayi | 
    ئەسەر يوللىغۇچى :  | 
  
  
    
    | 2017-3-10 0:18:41 | 
         | 
     :يوللانغان ۋاقتى | 
   
  
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
 
		
		
		
		
		
		
		
		
			
				| 2017-4-16 22:49:01 | 
				ئابدۇخالىق ئەھەت تەقدىر | 
			
			
				| ئاپىرىن ھەقىقەتەنمۇ  ياخشى يېزىلىپتۇ | 
				
			
		
		
		
		
		
		
		
		
				 
 
		
		
		
		
		
		
		
		
			
				| 2017-4-11 9:32:50 | 
				شوخ | 
			
			
				| ھەققەتەن ياخشى ئىكەن 
 | 
				
			
		
		
		
		
		
		
		
		
				 
 
		
		
		
		
		
		
		
		
			
				| 2017-3-21 17:05:01 | 
				پەخىردىن | 
			
			
				| ھارمىغايسىز،قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن .
بەك ياخشى  يېزىلىپتۇ . | 
				
			
		
		
		
		
		
		
		
		
				 
 
		
		
		
		
		
		
		
		
			
				| 2017-3-17 2:42:29 | 
				ئىبراھىم شەۋقى | 
			
			
				| شىئىرىڭىز  مەزمۇنلۇق بەك  ياخشى يىزىلىپتۇ كۆز تەگمىسۇن قەلىمىڭىزگە | 
				
			
		
		
		
		
		
		
		
		
				 
 
		
		
		
		
		
		
		
		
			
				| 2017-3-15 20:57:21 | 
				ئابدۇراخمان ساۋۇت | 
			
			
				| شائىر تۇرسۇن ئىمىن شەيدائىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلىنىڭ يېنىك ،ئاممىباپلىغى ،ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تېمىسىنىڭ مول ،ررەڭدارلىغى ،بەدىئىي تەسەۋۋۇرغا بايلىغى كىشىنى قايىل قىلىدۇ .ئۇنىڭ قەلىمىگە كامالەت تىلەيمەن | 
				
			
		
		
		
		
		
		
		
		
				 
 
		
		
		
		
		
		
		
		
			
				| 2017-3-14 22:20:06 | 
				تۇرانسا يولۋاس | 
			
			
				| تۇرسۇن ئىمىن دادمنىڭ تۇيغۇلىرى كىشىگە ئاجايىپ ھوزۇر بىغشلايدۇ،ئۆمۈرىڭز ئۇزۇن بولسۇن ،سالامەت بولۇڭ | 
				
			
		
		
		
		
		
		
		
		
				 
 
		
		
		
		
		
		
		
		
			
				| 2017-3-13 9:53:48 | 
				تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى | 
			
			
				| گۈلئاي ،ئەسەرلىرىمگە باھا بېرىپ ئىلھاملاندۇرغانلىغىڭىزغا تەشەككۈر ئېيتىمەن | 
				
			
		
		
		
		
		
		
		
		
				 
 
		
		
		
		
		
		
		
		
			
				| 2017-3-11 13:33:11 | 
				گۈلئاي باسىت (گۈل) | 
			
			
				| يۈرەكتىن چىققان ھەسرەتلىك تىنىقلار شئېرى مىسرالارغا سىڭىپ كىرىپ ئاجايىپ تاتلىق ئەسەرگە ئايلىنىپتۇ،تۇرسۇن ئىمىن ئاكىمىزنىڭ شئېرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ،سىزگە ئاپرىن ،ھارمىغايسىز | 
				
			
		
		
		
		
		
		
		
		
				 
   
 
ئىنكاس يېزىڭ