دەسلەپكى خىتاپ (شېئىر) - ئەرافات داۋۇت ناسىرى

دەسلەپكى خىتاپ

ئەرافات داۋۇت ناسىرى

داغدام يولدا ماڭار بولساممۇ،
پۇتلىرىمغا ئۇرۇلدى چاتقال.
كۆزلىرىمنىڭ ھەسرىتى تولا،
بۇ ھاياتتا كۆپ ئىكەن دوقال.

گۈلچىمەنلەر ئېچىلدى دېدىم،
خۇشپۇراقلار تارادى  ھەر يان.
بىپەسىل ھەم سۇلغان چېچەككە،
تومۇز يازمۇ بولدۇ ھەيران.

گۈلنىڭ ھىدى كەتتى دىماقتىن،
بۇ ھاياتقا بولدۇم دەرگۇمان.
تومۇزىدىن قەھرىتان تولا،
كۆز ئالدىمدىن ئۇچۇدۇتۇمان.

ئىزدىدىم مەن تەدبىر سەۋەبنى،
ئالدىم شۇئان قولۇمغا كىتاب.
ماڭاريولۇم داغدام ئېچىلدى،
ئاڭلانغاندەك دەسلەپكى خىتاب.


2017.4.15
     





34 قېتىم كۆرۈلدى arafat ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-15 18:00:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ