يېتىپ كەلدى ئالتۇن كۈز

يېتىپ كەلدى ئالتۇن كۈز

 

گۈلئاي يازمىسى

 

 ياز كېتىپ كەلگەندە ئالتۇن كۈز پەسلى،

 جاھان تۆكتى نىمەتلەرنى دەستىلەپ.

 مېھنىتى ھالال تەردىن بەرگەچ جاۋاپ،

 دېھقىنىم ئالماقتا ھوسۇل ھەسسىلەپ.

 

باغدا كۆچەت كىيىۋاپتۇ سېرىق تون،

 ئارىسىدا قىزىل چىلان ياقۇتتەك.

شىرنىلىرى تولغان بىھىش ئۈزۈمى،

 قىز بوينىغا ئاسقان ئالتۇن زۇنناردەك.

 

 كۆزى قىيماي شاخلىرىدىن خوشلۇشۇپ،

 تۆكۈلمەكتە ئەڭ ئاخىرقى يوپۇرماق.

 كۆمۈلسىمۇ يەر تېگىگە رازىغۇ،

 ئۆز ئورنىغا چىقسا يېڭى بىر بوۋاق.

 

 ئالتۇن كۈزنىڭ يارىشىغى ھەممىگە،

 ۋىسال تاپتى سۆيگۈلەرمۇ شۇپەيتتە.

 قاينىدى توي تەكلىماكان باغرىدا،

 باغدا كاككۇك سايرىغاندەك بەسبەستە.

 

 بەكمۇ گۈزەل ئىكەن ئەسلى بۇ پەسىل،

 ئىنسان ھەتتا جانىۋارمۇ تويۇنغان.

 شۇڭا دەيمەن پەسىللەرنىڭ سەركىسى،

 مىننەتدارلىق مېداللىرى ئويۇلغان .

 

 2015-9-27





163 قېتىم كۆرۈلدى GULAY ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-27 18:25:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ