ئەي نىگار
ئەي نىگار
 
(ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم)
 
ئەي نىگار كەلگىن يېنىمغا سەن ماڭا دەرمانىسەن،
شائىرىڭنىڭ قەلبى كۆيدى كۈچ قۇۋەت مادارىسەن.

شۇنچە سەرسانى بولدۇم،ئاي يۈزلىك چولپانىمغا مەن،
ئىشقى ئوتۇڭدا ۋەيرانمەن، ئاشىقى دىۋانىمەن.

مۇز-شېۋىرغان ئۇلغايسىمۇ كۆيدۈرەر ئوتۇم ئۇنى،
مەن غېرىپ دىۋانىگە بەرگىن ئۆزەڭ ئىقىڭنى سەن.

دەشتى چۆللەردىن ئىشىپ،جانىم پىدا بولسۇن ساڭا،
لۇتپى ئەيلەپ قىلساڭ ماڭا ھەممىگە تەييارىمەن.

جان تەسەددۇق ھەرقاچان ئىشقىڭدا مەن زۇلپى ئەيلەپ،
بولما غاپىل دۈشمىنىڭدىن ھەرقاچان يانىڭدا مەن.
 
ــــ شىپائى 2016-يىل 20-يانۋار




240 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-21 13:11:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ