ھايات دىگەن شۇنداق بولىدىكەن
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ھايات دىگەن شۇنداق بولىدىكەن ، ئۇ ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن سەن كۆرمىگەننى كۆرسىتىدىكەن، بىلمىگەننى بىلدۈرىدىكەن، قىلمىغانلىرىڭنى بولسا ئۈگۈتىدىكەن ، خۇددى « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ » دىگەندەك ....
ھايات دىگەن شۇنداق بولىدىكەن ، ىۇددى كىنو لىنتىسىدەك تىزلىكىگە قارىماي شۇنچە كۆپ كۆرۈنىشلەرنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىكەنكى ، ھەييات ، شۇ كىچىك كۆزلىرىڭ بىلەن كۆرۈپ ، چارچاپ ھالى قالمىغان كاللاڭ بىلەن ئويلاپمۇ ئويلاپ بولالمايدىكەنسەن ....
ھايات دىگەن شۇنداق بولىدىكەن ، ئىلگىرىكى ھەقەم سايىلىرىڭ بىشىڭغا كۈن چۈشكەندە بولسا شۇنچە ئالدىراش بولۇپ كىتىدىكەنكى ، بىر ئىغىز سۆز ، ھەتتا بىر دەم تىنىقىنىمۇ سەندىن ئايايدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا سەن بىر يۈك بولۇپ قالىدىكەنسەن ، شۇڭا ھىچ كىشىگە گەپ قىلماي خىيالنىڭ قۇلى بوپ ، خىيال ئىچىدە ياشايدىكەنسەن ……
ھايات دىگەن شۇنداق بولىدىكەن ، كۆرىدىكەنسەن ، كۆرىنىدىكەنسەن ، ھەتتا كۆرسىتىلىدىكەنسەن ، تۆكۈدىكەنسەن ، تۆكتۈرىدىكەنسەن ، تۆكتۈرۈلىدىكەنسەن ، قىلىدىكەنسەن ، قىلدۇرىدىكەنسەن ، قىپ قالىدىكەنسەن ، كۆندۈرىدىكەنسەن ، كۆنىدىكەن ، ئاخىرى كۆنىدىكەنسەن ، سۆيدۈرىدىكەنسەن ، سۆيىدىكەن ، ئاخىرى سۆيىدىكەنسەن ....
ھايات دىگەن شۇنداق بولىدىكەن ، شۇنچىلىك ساختا ، شۇنچىلىك سىرلىق ، سەللا دىققەت قىلمىدساڭ قۇيۇنلارغا يەم بولىدىكەنسەن ، ئاخىرى سىنى ۋىجدان سورىقى ئالدىغا تاشلايدىكەن ، سوراق قىلىنىدىكەنسەن ، كۆزۈڭدىن ئەمەس ، يۈرىكىڭدىن يىغلاپ تۇرۇپ ، لېكىن سۈرتۈپ قويۇشقا ھىچ كىشىنىڭ ۋاقتى يەتمەيدىكەن ، ۋاقتى يەتسىمۇ كۆڭلى يەتمەيدىكەن ....
ھايات دىگەن شۇنداق بولىدىكەن ، بەزى ئىشلارغا كۈلۈپ ، بەزى ئىشلارغا يىغلاپ ، بەزى ئىشلارغا « خەيىر » دەپ ئىنساپ بىلەن سەبىر تىلەپ ...
ھايات دىگەن شۇنداق بولىدىكەن ، ئاخىرى شۇنداق بىر كىشىنى نىسىپ قىلىدىكەنكى ، قەدىرلەيدىكەنسەن ، قەدىرلىنىدىكەنسەن ، ئۇنىڭ ھەر - ھەر ئىشلىرىغا بىلىپ بىلمەي رازىي بولىدىكەنسەن يەنە كىلىپ چىن كۆڭلىڭدىن ، قانچىلىك بەدەل تۆلىسەڭمۇ ، جاپا تارتساڭمۇ ئۇ بەخت بولۇپ بىلىنىدىكەن ....
شۇنىڭغا قاراپ ھەر قىسمەتلەرگە شۈكرى دەيدىكەنسەن ئىچىڭدە !!!
شۇنداق قىلىپ ھاياتتا ياشايدىكەنسەن ، ياكى ئۇ سەندە ياشايدىكەن ........
2017- يىلى 3-ئاينىڭ 25- كۈنى ، سەھەر ، ئۈرۈمچى
| 278 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-26 6:03:19 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|