بىلەلمىدىم سېھرىڭنى (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 بىلەلمىدىم سېھرىڭنى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

يېنىۋەرسەم شام بولۇپ،مەستخۇش ساراڭ دېمىگىن،
ساراڭ ئەمەس ئەكسىچە،ئىشقى شەيدا دېۋانمەن،
گەر چۈشەنسەڭ قەلبىمنى،مۇڭغا تولغان خىياللار،
غورۇرۇم بار،مېھرىم بار،ئىرادىلىك ئوغلانمەن.

چۈشلىرىڭدە كۆرگەندەك،شەيتان ئەمەس سىياقمەن،
گەر ئالۇرغا جېنىڭنى،ئەزرائىلمۇ ئەمەسمەن،
سۆيگۈلىرىڭ شېرىنكەن،تىمساق ئەمەس،پۇراقلىق،
نەۋ باھاردا چاقنىغان،چوغلۇق يۈرەك ئەركەكمەن.

كۆيۈك ئوتى يامان دەپ،ئېيتقان زادى كىم باللا،
مەندەك ساددا يۈرەككە،ئوتنى ياققان ئەي جانلا،
گۈل بولسىلا گۈل ئەمەس،بەزى گۈللەر بەك ئالە،
شۇڭا دەيمەن ئەي جانان،كېتەلمەيسەن مەن چالا.

كېچەلمىدىم سېنىڭدىن،ئەي پىراقى جانىمە،
زۇۋانىڭنى ئاچقىنە،دەرتكە داۋا بولغىنە،
جاننى ئالساڭ تېزراق ئال،كۈلۈپ باققىن كەل يايرىم،
ياشلىق چېغى بەك نازۇك،قەدىرلەيلى گۈلبانە.

چاقچاق ئەمەس سۆيگۈنۈم،ئىرادەمدىن يانمايمەن،
گەر خاقانى بولساممۇ،سەندىن ھەرگىز چانمايمەن،
گاھ تىلەمچى بولۇپ قالسام،سىزگە بەخت ئەپ كېلىپ.
چىن قەلبىدە سۆيگۈ ئۈچۈن،قۇربانلىققا تەييارمەن.

سەنمۇ بولساڭ قۇربانلىق،جاندىن كېچىپ مەن ئۈچۈن،
گاھ تىلەمچى بولۇپ قالساڭ،پۇشمىنىم كۆپ مىڭ توۋا،
خۇددى ئۇنى سۆيگەندەك،مېنى سۆيگەن يار ئۈچۈن،
ياشناپ كېتەي گۈل بېرەي،سۆينۈپ كېتەي ئەي جورا.

بىلەلمىدىم سېھرىڭنى،سۆيگۈ تىلەپ كېزەمدىم،
تەنھا قەلب ياشلىقتا،غېرىپ مىسكىن يۈرەمدىم،
ئەي گۈزەلىم تاش يۈرەك،پەرۋاسىزلا كەتسىڭىز،
ئىشقى پىراق ئوتۇڭدا،چوغدەك كۆيۈپ ئۆلەمدىم.
     





102 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-13 23:47:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ